576w
🔫فدايى🔫
(Hi No. 1358323)
بەك پەچەتقۇ ھەي قىزچاق نەگەماڭدىڭىز،يوپكىلىرىڭىزبىرغېرىچ نەدىن ئالدىڭىز،
چاچلىرىڭىزئەرەڭ_سەرەڭ توبادەك ئەجەپ.
سىزدەيوقمۇشەرمى_ھايائەخلاق ۋە ئەدەپ.
نىمە دەيدۇ ما مەتۇ !ئۆتەپ بارە ماڭ،
سەن زاماننىڭ كەينىدىمۇ ياكى بىرساراڭ،
بۇ دىگەنچۇ ئەلۋەتتە مودا بىلەمسەن،
نوچى بولساڭ سەنمۇ قېنى بىزدەك يۈرمەمسەن.
ئوھوي،بۇنى مودا دەڭ، شۇنداق كىينىشنى،
يۈز-كۆزىنى مايمۇندەك بوياپ يۈرۈشنى.
ئۇنداق بولسا بۇ كىچىدە نەگە ماڭغانسىز.
سائەت توققۇزبولغاندا كىچىكىپ قالغانسىز.
ھازىرماڭدىم كىچىكمىدىم مىسىرخانىشقا،
ئۇسسۇل،تانسا،دېسكولارنى دەششەت ئويناشقا.
ھاراق،پىۋا،خۇڭجۇلارنى قېنىپ ئىچىمىز،
يىگىتلەرنى تاللاپ يۈرۈپ ئويناپ كىتىمىز.
نىمە دەيدۇ؟قىزبالاتۇرۇپ ھاراق ئىچەمسىز؟
ئۇيالماستىن تاللاپ يۈرۈپ ئويناپ كىتەمسىز؟
مەست بوپ قېلىپ ئەگەردە كەچ قالسىڭىز،
ئۆيىڭىزگە نىمە دەپ قانداق كىرەرسىز؟
ئۇيەرلەردىن بىزخاتىرجەم ئامال تېپىپ قويدۇق،
ئۆيدىن بىرنى ئىجارەقىلىپ سىرتتىن ئېلىپ قويدۇق ،
ئوغۇل بولسا قولتۇقلىشىپ كىتىپ قالىمىز،
مېھمان سارايدىن ياتاق ئېچىپ يېتىپ قالىمىز.
ھە،ئۇنداقتا سىز ھەر كۈنى شۇنداق يۈرەمسىز ؟
بېرىپ دىبا،جيۇبالارغا ئويناپ كۈلەمسىز؟
ياشلىقىڭىزئۆتۈپ كەتسە بىھۇدە شۇنداق..!!
كىيىنچە سىزتۇمۇش قۇرۇپ قانداق قىلارسىز؟
ھازىرشۇنداق ئويناپ تۇرىمىز ياشلىق دىگەندە ،
نىمە يىتەر بۇ دۇنيادا ئويناپ كۈلگەنگە.
شۇچاغ كەلسە بىر مەزگىل ئويۇننى تاشلاپ،
ئالدىچىلاپ ئىڭەكتىن ياغلىق چىگىمىز،
يۇۋاش_يۇمشاق بىرئەرتېپىپ ئالداپ تىگىمىز.