564w
nida
(Hi No. 1360050)
مۇنداق يۇمۇر چوڭ ھويلىدا توي قىلىپ بولغان ئوغلى ئاتائانىسى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن…… بىر كۈنى ئوغۇلنىڭ ئاپىسى دوستلىرىنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ،ئۆيدىكى چىنىلەر يىتىشمەي ئوغلىدىن سوراپتىكەن،ئوغلى چىنىلەرنى ئېلىپ چىققۇچە ھەممە چىنىنىڭ بەل تەرىپىگە قىزىل يىپ چىگىپ قويۇپتۇ, دادىسى: -بۇ چىگىپ قويغان يىپىڭ نىمىسى؟ ئوغلى : -ئاپامنىڭ چىنىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىسۇن! بىر ئاز ئۆتۈپ چوكا قوشۇق يىتىشمەي ئوغلىدىن سوراپتۇ،ئوغلى چوكا قوشۇقلارغا قىزىل يىپ باغلاپ ئېلىپ چىقىپتۇ دادىسى: -بۇ نىمەڭ ئەمدى ئوغلى: -ئاپامنىڭ قوشۇق چوكىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىسۇن دادىنىڭ بەكلا ئاچچىقى كەپتۇ،بىراق گەپ قىلماپتۇ…… ئوغۇلنىڭ ئايالى باشتىن ئاخىرى ياردەملەشمەي،قېينئاپىسىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئارىسغا كىرىۋىلىپ،ئېغىز غېرىچلاپ،مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرىۋاپتىكەن،دادا ئوغلىنى چاقىرىپتۇ: -بالام،ئاۋۇ ئايالىڭنىڭ بىلىگە قىزىل لاتا چىگىپ قويە ئوغلى: -نىمىشكە؟ دادا: -ئاپاڭنىڭ دوستلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتمىسۇن![呲牙][呲牙][呲牙][呲牙][呲牙]