571w
✨فارۇق✨
(Hi No. 1435638)
(ق) دىن باشلانغان نەسەھەت قىزلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى قوغداشقا قارىتا قاپىيە قىلىپ قويدۇم، قۇبۇل قىلغايسىزلەر!!! قىزلارنىڭ قىممىتى قېنى؟؟؟ قوشنا قەۋىملەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى قەۋمىمىزنىڭ قەلبىنى قارا قۇيۇندەك قاپلىغانلىقتىن، قىسمەن قىزلىرىمىز قاسماقلارنىڭ قىلىقلىرىنى قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىۋېلىپ، قىممەتلىك قەلىب قەسىرىنى قاتتىق قالايمىقانلاشتۇردى. قەيەرگىلا قارىساق، قۇلاقلىرىنى، قولتۇقلىرىنى، قورساقلىرىنى...... قەۋمىگە قارىتىپ قويغان قىزلار قاپلىغان. قىسمەن قىزلىرىمىز قاۋاقخانىلاردا، قەھۋەخانىلاردا، قىمارخانىلاردا......قالايمىقان قىلمىشلارنى قىلىپ، قىزلىق قەدىر- قىممىتىنى قۇربان قىلىشماقتا! قاراپلا قالدىمكى، قۇرئاننى قىرائەت قىلىدىغان قىسمەن قارىيلارنىڭ قىزلىرىمۇ قاملاشمىغان قىلىقلارنى قۇبۇل قىلىۋېلىپ، قەلبىنى قارايتماقتا. قىزلارنىڭ قەۋمىگە قالايمىقان قارىشى، قولتۇقلىشىشى، قۇچاقلىشىشى......قاتارلىق قىلىقسىز قىلمىشلارنى قىلىشى قۇرئاندا قەتئىي قۇبۇل قىلىنمايدۇ!قېلىن قىزلار قىيامەتتە قاتتىق قورقۇنچتا قالىدۇ! قۇرئاندا قىزلارنىڭ قانداق قىلغاندا قاملاشمىغان قىلىقلاردىن قايتالايدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا قىزلىق قەدىر قىممىتىنى قوغدىيالايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان:‹‹قىزلار قۇلاق، قولتۇق، قورساق....قاتارلىق قەدىرلىك قىسىملىرىنى قەۋمى قارىيالمايدىغان قىلىپ قاپلىيالىغاندىلا، قىزلىق قەدىر- قىممىتىنى قوغداپ قالالايدۇ.›› قىسمەن قەددى- قامەتلىك قېرىنداشلىرىمىزمۇ قىلىقسىز قىزلارنىڭ قاپقىنىغا قىسىلىپ قېلىپ، قاتتىق قىينالماقتا. قىسمەن قېنى قىززىق قېرىنداشلىرىمىز قىزلارنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قوغداپ قېلىشقا قاتتىق قىزىققانلىقتىن، قەپەسلەرگە قىسىلىپ قالدى.قىسمەنلىرى قىپقىزىل قانلىرىنى قۇربان قىلدى!!! قىلىقسىز قېلىن قىزلار قەۋمىڭلارغا قانداقمۇ قارىيالايسىلەر؟ قىزلىق قەدىر - قىممىتىڭلارنى قاچانغىچە قوغدىمايسىلەر؟ قىيامەتتىكى قورقۇنچنىڭ قارا قۇيۇنلىرىدىن قورقمامسىلەر؟ قەلبىڭلار قانچىلىك قارىداپ قالغان!!! قىزلىق قەدىر- قىممىتىنى قۇربان قىلغانلار قىلىقسىزلىقنى قايتا قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، قىيامەتكە قايتقىچە قايتا قىلمىسا، قىيامەتتىكى قاتتىق قىززىق قەپەستىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ. قېرىنداشلار قاچانغىچە قوپمايسىلەر؟ قىززىق قانلىرىمىزنى قۇربان قىلساقمۇ، قىزلارنى قەدىرلەپ، قوغداپ، قىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى قايتۇرىۋالايلى! قىلىقسىزلىققا قارشى قەتئىي قوزغىلايلى!!! * * * * * * * *