Avatar
591w
☝تەشنايى☪ (Hi No. 1359345)
‏‏قىيدىما ..
ئىمام شافىئىنىڭ " دع الأيام " ناملىق شىئرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

قىيدىما تەقدىرنىڭ قارار قىسمىتىگە
‏يىتىسەن بىر كۈنى مۇقىم مەنزىلگە
‏گەر بولساڭ مۇبتەلا بىرەر ئاپەتكە
‏بولمىغىن نارازى خۇدا ئەمرىگە
‏
‏تۈنلەردە ئاھ ئۇرما يىغلىما ئۆكسۈپ
‏يۈزلەنگىن ئاللاھغا يىغلىغىن ئۆتۈنۈپ
‏بۇ دەردنى بەرگەنكەن ئۇلۇغ ئىلاھىم
‏ئىلتىفات ئەيلەيدۇ بۇ دەرتنى كۆتۈرۈپ
‏
‏چەكسە گەر تاغدەك دەرت سىنىڭ بابىڭنى
‏ئەركەكتەك قارشالغىن رۇسلاپ قەددىڭنى
‏سەبىر ھەم ئىخلاسنى ھەمدە ئىماننى
‏يار تۇتقىن بىر ئۆمۈر ئۇلۇغ لەۋزىڭنى
‏
‏نۇقسانسىز ئىنساننى تاپارسەن نەردە
‏سەنمۇ ھەم ياپارسەن ئەيۋىڭنى ئەلدە
‏ئەيۋەىمنى يۇشۇرسۇن ئۆزگىلەر دىسەڭ
‏بەرگىن سەن مەرتلىككە لەۋز ھەم ئەهدە
‏
‏دۈشمەنگە كۆرسەتمە ئاجىز ئەپتىڭنى
‏بىلدۈرمە ئۇنىڭغا مۇھىم نوقتاڭنى
‏دۈشمەننىڭ قارلىقى ياماندۇر بىلگىن
‏ئىچىڭنى كۆيدۈرەر ئۈزەر ۋەسلىڭنى
‏
‏ئىزدىمە ۋىسالنى بېخىل بىراۋدىن
‏كۈتمىگىن ياخشىلىق نامەرت ئوسالدىن
‏پىژىلداپ كۈيىۋاتقان يانار يالقۇندىن
‏ئۇسسۇزغا سۇ يوقتۇر ۋولقان ياناردىن
‏
‏رىزقىڭدىن ئەنسىرمە يېزىلىپ بولغان
‏ھاياتتىن نىسىۋەڭ پۈتۈلۈپ بولغان
‏كۆپەيتمەس رىزقىڭنى سىنىڭ قان تەرىڭ
‏ئازلاتماس تەۋەككۈل ئاللاھغا بولغان
‏
‏بىلگىنكى بىر ئۆمۈر يۈرمەيسەن خاپا
‏تۈگەر ھەم بىر كۈنى بۇ تۈگمەس جاپا
‏شادلىقتىن بىر كۈنى تاقىشار بېشىڭ
‏ئاسمانغا قىلساڭ سەن خۇداغا ۋاپا
‏
‏زىمىننىڭ خەزنىسى گەر بولسا سەندە
‏ئۇنۇتما بىز كەبى سەنمۇ بىر بەندە
‏بولسا گەر سىنىڭدە شۈكۈر قانائەت
‏زىمىندا بايلىقنىڭ ھەممىسى سەندە
‏
‏بىراۋغا مۇسىبەت كەلمەكچى بولسا
‏تۇسالماس ھىچ كىممۇ كەتمەكچى بولسا
‏كەڭرىدۇر زىمىنمۇ خوشاللىق ياغسا
‏تارلىشار غەم بىلەن دەرت بىلەن تولسا
‏
‏قىيدىما ئۈزەڭنى خوشال كەڭ تۇتقىن
‏ئاھ ئۇرما ئۆتمۈشنى قەتئى ئۇنۇتقىن
‏بىلىپ قوي ئۆلۈمنىڭ داۋاسى يوقتۇر
‏تاشلاپ سەن ھەممىنى ئاللاھقا قايتقىن .
‏
2014.1.9
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
8 Comments
نصرمن الله وفتح قريب :پپ566w
نصرمن الله وفتح قريب :بيييىيييييل566w
ناتىۋان :ئاللاھ. خالىسا590w
نصرالله ترکستانے :( )591w
✨فارۇق✨ :ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ591w
M :591w
فدايى :591w
↑☞غرباء→※ :591w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms