573w
☜هدف☞
(Hi No. 1420702)
جەننەت ھەسرىتى ھەسرىتىمدىن تەۋرەپ كەتتى تاغلارمۇ، ياشلىرىمدىن سەلگە تولدى دۇنيامۇ. مۇئەللەقتىن غۇلاپ چۈشتى يەرشارى، يۈزلىرىگە كاچات سالدى ئايلامۇ. مەن نە قىلاي بۇ ھەسرەتنىڭ دەستىدە، يۈرەك يۈرسە بىر نىگارنىڭ قەستىدە. ئازاپلاردىن خازان بولدى باھارىم، ۋۇجۇدۇممۇ ئاجىزلاشتى خەستىدە. كەلگىن جانان نازلىنىشنى چۆرىۋەت، يۈزى قېلىن تاملارنىمۇ ئۆرىۋەت. ھەسرەتلەردىن ئۆلۈپ كەتكەن ئاشىققا، ئىلتىپاق قىل، كۆرسىتىپ قوي مۇرۇۋۋەت. بېقىشىڭدىن ئۆلۈپ كەتتىم چىدىماي، يەنە بىر باق كۆزلىرىڭنى ئايىماي. قاتىلىمسەن بېقىشلاردا ئۆلتۈردۇڭ، تىرىلدۈرگىن! جەسىدىمنى مارىماي. كۆزلىرىمگە باقماي كەتسەڭ مۇبادا، تېنىم قالار، قۇزغۇنلار يەر تالادا. نۆل ئالىمەن قەبرىدىكى سوراقتىن، مۇنكەر نىكىر كىلىپ قالسا ناۋادا. تاشلاپ كەتمە ئاجىز قۇلمەن نىگارىم، سەن ئاڭلىغىن، ساناقسىزدۇر ئاھ زارىم. ئېلىپ كەتكىن نەدە بولسا جەننىتىڭ، جەننەت ئېستەر چىن كۆڭلىدىن بۇ جانىم。