573w
☪äñşâR__Dïň☪
(Hi No. 1717337)
ۋەتەن***
بۇ ۋەتەن ئەزىز ۋەتەن،دىن ئىسلام قوزۇق قاققان،
ياۋغا قارشى جەڭلەر بولۇپ شەھىدلەر قانى ئاققان .
تەۋھىد ئۈچۈن مۇئمىنلەر ھاياتى پىدا ئەتكەن،
تارىخ بۇيان دىن ئۈچۈن ئۇيغۇرۇم ئازاپ چەككەن.
***
بولۇپ ئۆتكەن كۆرەشكە ۋەتىنىم شاھىد بولغان،
ئوغلانلىرى ياش تۆكسە يۈرىكى كاۋاپ بولغان. ،
ئۆز قوينىدىن چىققان بالا ئانىغا ئۆگەي بولۇپ،
ئاقتى بۈگۈن ياشلىرى باغرىغا دەريا بولۇپ .
***
ئۆچۈرۈلدى ناملىرى ھەتتا يۈرەك باغرىدىن ،
تاشلاندى ھەتتاكى ئەزىز كۆرگەن يارىدىن.
چوڭ بىلىپ كۆتۈرگەن تۇزكور يارلىرى ،
ياۋلارغا يار بولدى كۆڭۈل تارىدىن.
***
ئانامسەن ۋەتىنىم ساڭا يۈز كېلەلمەيمىز،
بىۋاپا پەرزەنت بىز كۆپ گۇناھكار بىز.
ۋاپاسىز پەرزەنت بىز ئانا ئالدىڭدا،
خارلىدۇق بىز سېنى كەچۈرۈم سورايمىز.
****
ئەبۇناسىر 2013.12.31