567w
اخوان قېرىنداش
(Hi No. 1474593)
ئوغلۇم ساڭائەي سۆيۈملۈك ئوغلۇم! سەزدىڭمىكى بۇ دۇنيا سېھىرگە تولغان، ئىخلاس بىلەن يۈرگىن سېھىردىن غالىپ ئۆتىسەن. دۇنيا ئەقىدە ماكانى! توغرا ئەقىدە تاللىغىن سەرسان بولمايسەن. ئەي يۈرەك پارەم! رەسۇل مېنى بالاڭدىن ئەۋزەل بىل نىجاتلىق تاپىسەن دىگەن ئىدى، سەن ئۈچۈن يۈرىكىم كۆيدى بىراق رەسۇلنىڭ مۇھەببىتى قانچىلىك بىلمەيمەن، سەن ئۇنداق ئۆتمىگىن! ئىنسان ئاجىز يارىتىلدى، ئۆز نەپسى باشقىلارنىڭ مەنپەتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، بۇ بەلكىم قانۇنىيەتتۇر، ئەمما سەن بۇ قەنۇنىيەتكە بوي بەرمە بولمىسا تەنھا قالىسەن. ھىچ كىم ساڭا مەندەك كۆيمەيدۇ بۇنى ئۇنتىما، سەنمۇ بالاڭغا مەندەك كۆيىسەن، ئەمما ماڭا ئۇنداق كۆيەلمەيسەن. بىلگىنكى قاچانلىكى ماڭا بالاڭدىن ئارتۇق مېھىر بېرەلىسەڭ رەببىڭ سەندىن رازى بولىدۇ. مەن بۇھەقىقەتنى ئەمدى بىلدىم بىراق سېنى ھازىرلا بىلسىكەن دەيمەن چۈنكى ماڭا كۆپ پۇرسەت قالمىدى ئاللا خالىسا سېنىڭ پۇرسىتىڭ مېنىڭكىدىن كۆپ دەپ بىلىمەن ھەم تىلەيمەن. كىشىلەرگە ياخشىلىق قىل، ھەتتاكى داۋاملىق يامانلىق كۆرسەڭمۇ كەينىڭگە يانما، نا ئۈمۈت بولما، چۈنكى سەن ياخشىلىقنى رەببىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىسەن بەندىدىن ئەجىر كۈتۈش ئەخمەقلىق! چۈنكى ئىنسان ئنساننى ئەھلى جەننەت قىلالمايدۇ. ساڭا بىر سىر بېرەي، ئاللاھنى سۆيەي دىسەڭ قۇرئاننى قولۇڭغا ئال، دىگىنىنى قىل ئاللاھنى سۆيگەن بولىسەن، رەسۇلنى سۆيەي دىسەڭ ھەدىسكە توغرا مۇئامىلە قىل، ئېسىڭدە بولسۇنكى ساڭا نىجاتلىق بېرىدىغىنى پەقەت ئاللاھنىڭ رەھمىتى! ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىدىغان يول پەقەت رەسۇلنىڭ يولى مانا بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتىما. كىچىك پېئىل بول، خاتالىق ئۆتكۈزسەڭ بوينىڭغا ئال ھاكاۋۇرلۇق قىلما. خاتالىق ئۆتكۈزۈش خەتەرلىك ئەمەس، خاتالىقنى تونۇماسلىق، تۈزەتمەسلىك ئەڭ خەتەرلىك! چۈنكى بۇ سېنى نابۇت قىلىدۇ. ئاناڭغا مەندىن ئارتۇق كۆيەن، چۈنكى مەن سېنى ئون ئاي ئۇدا كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيمەن. سېنى دۇنياغا كۆز ئاشقۇزۇش ئۈچۈن جېنىمدىن كېچىپ ئاچچىق تولغاق يىيەلمەيمەن. كېچىدە تۇرۇپ غېمىڭنى يىيەلمەيمەن. ئەمما ئۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن كېچەلەيدۇ. بىلگىنكى دۇنيا ۋاپادار بولغان بولسا سەلتەنەت تۈگمىگەن بولاتتى. شۇڭا ھەقىقى ۋاپا پەقەت ئىماندىن كېلىدۇ، ئىمانسىز بىلەن ھەمسەپەر بولما ، ۋاپاسى يوق ئنسان ساڭا ھەرگىز رەھىم قىلمايدۇ، كۆيۈنمەيدۇ. قالغاننى سۆزلەشتىن ئاجىز كەلگەن بولسام قۇرئان ھەدىس ساڭا يېتەرلىك مەنبە جىگىرىم! چۈنكى مەن بىلىدىغان نەرسىلەرنى شۇلاردىن ئوقۇغان ئۈگەنگەن ئىدىم، مەن بىلمەيدىغان، چۈشىنەلمىگەن ھەقىقەتمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا بار، سېنىڭ مەندىن ئارتىپ چۈشىنىشىڭنى ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئەي ئىز باسارىم! سېنى ئاللاھقا ئامانەت قىلدىم، ئۇ سېنى ئىمانىڭ بىلەن قوغدىسۇن، رىزاسى بىلەن ماكانىڭنى فىردەۋىس قىلغاي. مەن بىلىدىغان ئامانەت ساقلىغۇچىلار ئىچىدە ئاللاھدەك مۇككەممەل ،قۇدرەتلىك، رەھىمدىل، سېخى زاتنى بىلمەيمەن! دىگەنلىرىمنى دىلىڭ بىلەن ئوقۇپ، يۈرىكىڭدە تاۋلاپ، ئىمانىڭ بىلەن ھاياتىڭدا كۆرسەتسەڭ سەن ئۈچۈن خەيرىلىك دەپ بىلىمەن. بىز ئۈچۈن شۇنچە شېرىن بۇ ھايات پەقەت ئاخىرەت ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلا كۇپايە ئارسلانىم!!!
R/akula