Avatar
594w
OKYAN (Hi No. 1359370)
قەبرە
بۇ دۇنيانى تۆت كۈنلۈك دەيدۇ ،
‏تۆت كۈن ئۈچۈن دۇنيا يىغىسەن .
‏تاپتىڭمۇ يا ئۆلمەس دورىسى ،
‏شۇنچە چېپىپ قانداق قىلىسەن .
‏كەتتى ھەممە ، كىتىسەن ھامان ،
‏پاتتى قۇياش سەھەر چىقسىمۇ .
‏پىرئەۋىنمۇ كەتتى بىئەجەل ،
‏نەچچە يىللار ياشاپ كەتسىمۇ .
‏
‏بىلىپ تۇرۇپ سەزمەي كىتىمىز ،
‏قەسىر سالدۇق قەۋەت - قەۋەتلەپ .
‏خۇشاللىق دەپ قىلدۇق ھەممىنى،
‏كۆڭۈل ئۈچۈن نەچچە پۇل خەجلەپ.
بۇ ھاياتنى ئۆتكۈنچى دەيدۇ ،
دەپ تۇرىمىز بىزلەر مۇساپىر .
دەپ قويۇپلا ئۇنتۇپ كىتىمىز ،
ئۆزگەرمىدى خۇيىمىز يا بىر .
ئويلىمامدۇق قايتار ماكاننى ،
مۇساپىرنىڭ مەنزىلى قەيەر .
ئەتە ئۈچۈن ئىشلەپ ھارىمىز ،
ئەستىن چىقتى قەبرە دىگەن يەر .
بىزەپ سەلدۇق ئۆيلەرنى تازا ،
ھەۋەس بىلەن قاراپ كىتىمىز .
مودا قوغلاپ مىڭبىر جاپادا ،
ھېرىپ - چارچاپ ئاران يىتىمىز .
ياسىمامدۇق قەبرىنى شۇنداق ،
ئەمەل بىلەن بىزەيلى گۈلدەك .
نا ئەمەلنىڭ قەبرىسى بەلكىم ،
غېرىپ باسقان ۋەيرانە چۆلدەك .
ئىشلىمەيلا ھوسۇل يىغامدۇق ،
ئارپا تېرىپ بۇغداي ئالامدۇق .
بۇ ھاياتنى بىرىپ ھەۋەسكە ،
قۇرۇق قولنى ئېلىپ بارامدۇق .
سوۋغا ئېلىپ ھىجىيىپ باردۇق ،
ھاجەت چۈشسە كۆڭۈل ئېلىشقا .
قەبرە ئۈچۈن ئىشلەيلى ئازراق ،
ئاخىرەتتە راھەت يېتىشقا .
Tweet
1 like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms