567w
كارۋان
(Hi No. 1408472)
]تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولىقەدىمكى كىتاپلاردىكى خاتىرىلەر:
ئۇيغۇر دائىملىق دورا ماتىرىياللىرى قامۇسىدا خاتىرلىنىشىچە تۆگە سۈتىنىڭ خۇسۇسىيىتى سوغۇق، خۇشپۇراق، تەمى سەل ئاچچىق، سەل يېپىشقاق بولۇپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەش،بەش ئەزا(يۈرەك، جىگەر، تال ، ئۆپكە، بۆرەك)نى ئاسراش، سۆڭەكنى چىڭىتىش ۋە سۈپەتلىك قىلىش، ئاچلىققا بەرداشلىق بېرىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش قاتارلىق شىپالىق تەرەپلىرى بار (خەنزۇچىدىن ئاران مۇشۇنچىلىك تەرجىمە قىلالىدىم).
"ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى" (خەنزۇچە) دا خاتىرلىنىشىچە ‹‹ تۆگە سۈتىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، زەھەرسىز، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، سۆڭەكنى چىڭىتىپ، ئاچلىقنى باسىدۇ›› دەپ خاتىرلەنگەن.
زامانىمىزدىكى بايقاشلار:
ھازىرقى زامان پەن– تېخنىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىلمىي ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئارتۇق شىپالىق روللىرى بارلىقىنى بايقاپ چىققان، مەسىلەن: تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا سۈتىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق، ئادەم تېنى ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن س ، ۋىتامىن ب، تۇيۇنمىغان ياغ كېسلاتاسى، تۆمۈر ئىلمىنتى قاتارلىقلار مول، ‹ۋىتامىن س› ،‹ ۋىتامىن ب› لار كالا سۈتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بىر لېتىر(بىر كىلوگىرام ئەتراپىدا) تۆگە سۈتىنىڭ تەركىبىدە 52 بىرلىك تەبىئى ئىنسولىن (يىداۋسۇ)بار شۇڭا تۆگە سۈتىنى كۆپ ئىچىپ بەرگەن دىئابىت بىمارلىرىنىڭ كۈنىگە ئۇرىدىغان ئىنسولىنى(يىداۋسۇ)غا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەيدۇ، كالا سۈتىدە بولسا ئاران 0.016 بىرلىك ئىنسولىن بولىدۇ. تۆگە سۈتىدىكى ئاقسىل ۋە كالتسىيمۇ كالا سۈتىدىن يوقۇرى، ئەمما ياغ تەركىبى ئۇنىڭدىن تۆۋەن؛ تۆمۈر ئىلمىنتى كالاسۈتىدىن 10 ھەسسە يوقۇرى؛ ئامىنو كېسلاتاسىنىڭ تەركىبىمۇ يوقۇرى (خۇاڭ جىن داداڭنىڭ ئۆنۈملۈك تەركىبىمۇ ئامىنو كېسلاتاسى). شۇڭا تۆگە سۈتىنى ‹‹قۇملۇقتىكى ئاق ئالتۇن›› دەپمۇ تەرىپلىشىدۇ.
ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى تۆگە بېقىۋاتقان قىر–ياقىلاردىكى نامرات چارۋىچىلارنىڭ تۆگە سۈتىنى كۆپرەك سېتىۋىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئاساسى تۆگە سۈتىنىڭ شىپالىق رولىدا بولسا كېرەك.
ئاساسلىق شىپا بولىدىغان كېسەللەر:
يۈرەك كېسىلى؛ ئۆپكە (زىققا)كېسىلى؛ جىگەر كېسىلى، بەدەن ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق؛ مېڭىنى تىنچلاندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش......
بۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر:
شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى 2– دوختۇرخانىنىڭ پىروففىسورى سەلتەنەت ھىنايەت خانىم، ئۇزۇن يىللىق تەجىربە تەتقىقاتى ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش، قاننى جانلاندۇرۇش، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، جىگەر ۋە ئۆپكە، ئاشقازان ئاستى بېزى (پانكرېئاس بېزى، دىئابىت كېسىلىنىڭ بىرىنچى بېكىتى) ئىقتىدارىنى ياخشىلاش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى تازىلاش، مەنپىيلىكنى كۈچەيتىش، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۆلگەن توقۇلمىلارنى تازىلاپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇنىڭ ئۈچۈن سەلتەنەت پىروفىسور 106 نەپەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، 44 بىمارنىڭ تۆگە سۈتى ئىچىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، ئۇلارنىڭ 1 يىلدىن كېيىنكى ئەھۋالىنى تۆگە سۈتى ئىچمەي دورا بىلەن داۋالانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇلارنىڭ جىگەر خىزمىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئۆپككىسىدە ئىسسىقى بارا (ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر)نىڭ دوختۇرنىڭ مەسلىھىتى بويىچە ئىستىمال قىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
ھازىر توردا ماتىرىيال ئىزلەش قۇلايلىق بولغاچقا تۆگە سۈتىنىڭ تەركىبىنى بەيدۇدىن ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ، ياكى ۋىتامىن پالانى دېگەنلەرنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى ئىزدىسەكمۇ بولىدۇ.
ئاسمان پەلەك باھادىكى دورىلاردىن نەچچە ئون يۈەنلىك تەبىئى تۆگە سۈتى يەنىلا ئەلا.
ساپلىق دەرىجىسىگە ئالاھىدە كاپالەتلىك بېرىمىز، ئىلگىركى سودىمىزدا بىز بىلەن توختاملاشقان سودىگەرلەر تۆگە سۈتىگە كالا سۈتىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ۋە سىزنى ئالدىغاچقا بۇ قېتىم ئۆزىمىز تۆگە يايلىلقىغا بېرىپ نەق مەيداندىن ئېلىپ كېلىدىغان بولدۇق.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ساغلام تەن، شىپالىق سەۋەپ ئاتا قىلسۇن (امن