574w
☜هدف☞
(Hi No. 1420702)
]ھىكايىنىڭ توغىرسى بىر كۈنى ئۆچكە قوي ئايالىنى ئېلىپ ئورمان مەركىزدىكى ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە مېڭىپتۇ .يولدا ئۇلار بىر چازىغا دۇچ كەپتۇ.تاۋا توڭگۇزلار ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆچكىگە ئېسىلۋاپتۇ. -نىم دەپ ساقال قويدۇڭ ؟نىم دەپ ئايالىڭنى يۇڭنىڭ ئىچىگە ئورىۋالدىڭ ؟ بۇ دىگەن قانۇنسىىز دەپتۇ چازا باشلىقى يەكچەشمە توڭگۇز. قىززىق گەپ قىلىدىكەنلا توڭگۇز باشلىق بىز تارىختىن بۇيان ساقال قويۇپ كەلگەن ساقىلىمدا ھۆكمەتكە قارشى شۇئار يوق ياكى ساقىلىمدا قورال يوق قانۇنسىز بولىدىغانغا بۇ دىگەن بىر تۈكقۇ؟ ئايالىمنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك قوي دىگەن مۇشۇنداق يۇڭ بىلەن يۈرىدىغان مەخلۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئۆزەمنىڭ خالىسام يۇڭلايمە خالىسام قىرقىمەن.بىر ئادەمنىڭ كىيمىگىمۇ ئارلىشىدىغان.كىيىنىشنىمۇ بەلگىلەپ بېرىدىغان قانداق قانۇنكەن بۇ؟ دەپ بەسىلە باشلىق دەپتۇ ئۆچكە. -بۇ دىگەن سىياسەت . ھازىر دىگەن يېڭىلىققا كۆچۈش،زامانىۋېلىش دەۋرى .ئىنسارنلامۇ يېڭىلىققا كۆچۈڭلار ساقاللارنى ئېلىپ پاكىز يۈرۈڭلار.خوتۇنلىرىڭلارنىڭ ھىجابەنى سالدۇرۇپ يۈزلىرىنى ئېچىپ مودا ياساپ بازاغا سېلىڭلار دەپ تەشۋىق قىلىپ يېڭىلىققا كۆچىۋاتسا بىز ئارقىدا قالساق بولماس دەپتۇ ياۋا توڭگۇز. -يېڭىلىققا كۆچىدىغانلار كۆچىۋەرسۇن بىز دېگەن يۇڭ بىلەن ساقال بىلەن يۈرىدىغان مەخلۇقلار.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەردىن پەرقىمىز بولىشى كېرەك.شۇڭا بىز تۇتۇپ ماڭغان يولىمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۆچكە. ۋۇ جاھىل ئۇنسۇر . بۇ ئۇنسۇرنى تۇتۇڭلار.ئايالىنىڭ يۇڭىنى قىرقىڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇتوڭگۇز باشلىق . توڭگۇزلار ئۆچكىنىڭ ئايالىغا ئېتىلىپتۇ.ئۆچكە چىداپ تۇرالماي ئۇلارنى ئۈسۈپتۇ.بىر نەچچە توڭگۇز باتۇرلارچە قۇربان بوپتۇ . زوراۋان ئۇنسۇر ئۆچكە نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىنىپتۇ.يېنىدىن مۈڭگۈزدىن باشقا يولۋاسنىڭكىدەك ئۇچلۇق تىرناق شىرنىڭكىدەك يوغان مەرگەن چىش قاتارلىىق قاتىللىق قوراللىرى بايقىلىپتۇ.........