576w
يارقىن
(Hi No. 1454928)
توۋا ئاللاھنڭ قۇدۇرتى ئۇلۇغ ئېغىر كۆرمەي ئۇقۇڭ ھەم دوستلىرىڭزغا تەۋسىيە قىلىڭ !!! يېقىندا ئاستىرونومىيە ئىلمى شۇنى ئىسپاتلىدى:ئۆتكەنكى بىر قانچە ھەپتىلەردە قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ بىرى بولغان «مارىس» نىڭ سۈرئىتى تاكى شەرق_غەرىب ئىككى يۆنىلىشتە تەۋرىنىش ھاسىل بولغانغا قەدەر ئاستىلىغان. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەنى پەيشەنبە، مارىس شەرىققە قارىتا ھەركەت يۆنىلىشىدىن توختىغان.ئاندىن ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا، تاكى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مارىس يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ غەرىبكە قاراپ ھەركەت قىلغان...دېمەك،بۇ مەزگىلدە مارىستا كۈن غەرىبتىن چىققان. ئاستىرونومىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەسلى يۆنىلىشىنىڭ قارشىسى بويىچە ھەركەت قىلىش ئەھۋالى بارلىق پېلانىتلاردا ئاز دىگەندە بىر قېتىم يۈز بېرىدىكەن. يەر شارىمۇ مۇشۇ پېلانېتلارنىڭ بىرىدۇر.يەر شارى ھامان بىر كۈنى ئەسلى يۆنىلىشىنىڭ قارشىسى بويىچە ھەركەت قىلىدۇ.بۇ كۈندە يەر شارىدا كۈن شەرقتىن ئەمەس بەلكى غەرىبتىن چىققان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بەلكى پات يېقىندا يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىز ئۇنىڭ قاچان يۈز بېرىشىدىن بىخەۋەر. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى،... كۆپچىلىك شەرىئەت ئالىملىرىمىز قۇياشنىڭ غەرىبتىن چىقىشى پەقەت بىر قېتىم بولىدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنى كۈننىڭ غەرىبتىن چىقىدىغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن يەنە شەرىقتىن چىقىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئاللاھ خالىغان ۋاقىتقىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. دەل مۇشۇنداق ئەھۋال مارىستا يۈز بەردى. ھەركەتتىن توختاش،ئاندىن ئەسلىدىكىنىڭ قارشى يۆنىلىشى بويىچە مەلۇم مەزگىل ھەركەت قىلىش، ئاندىن يەنە ئەسلىدىكى يۆنىلىشى بويىچە ھەركەت قىلىش... پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەتنىڭ بەلگىسىنىڭ بىرى-كۈننىڭ غەرىبتىن چىقىشىدۇر. بۇ كۈندە ھېچ كىشىنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولمايدۇ.» ھەزرىتى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىئاللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە،ئاللاھۇ سۇبھانۇ ۋەتەئالانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دېگەن:« قۇياش غەرىبتىن چىقمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ.كۈننىڭ غەرىبتىن چىققانلىغىنى كۆرۈپ،كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىشىدۇ. بىراق بۇ چاغدا ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ.» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:« ئاللاھۇ سۇبھانە ۋەتەئالا كېچىسى قوللىرىنى كەڭ يېيىپ كۈندۈزدىكى گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.ئەتىگىنى كېچىدىكى گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. تاكى كۈن غەرىبتىن چىققىچە.» بۇ مۆجىزە ھەققىدە 1400 يىل بۇرۇنلا يۇقارقىدەك ھەدىسلەر ئارقىلىق مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى كۇففارلار كۆرگىنىدە،بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر بۇ گۈزەل مۇكەممەل دىنغا كىرگۈسى. بۇ مۆجىزىنى كۆرگەن مۇسۇلمانلىرىمىز بولساياراتقۇچىمىزغا تېخىمۇ يېقىن بولغۇسى.ئىنشائاللاھ. -ئاللاھۇ سۇبھانە ۋەتەئالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىغاي، بۇ ئالەمدە ھەم ئۇ ئالەمدە ھەم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشقا نىسىپ قىلغاي. ئامىن! ( ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن بۇ ماقالىنى بۇرۇن بىر ئېنگىلىزچە مۇنازىرە مۇنبىرىدىن كۆگەن ئىدىم. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئاز بولسىمۇ كىشىلىرىمىزگە پايدىسى تېگىپ قالار دەپ ئويلاپ،بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەنمۇ مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە ئامالسىز. بىراق، قۇياشنىڭ ھامان بىر كۈنى غەرىبتىن چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئشەنگەن ئىكەنمىز ھەر ۋاقىت مۇشۇ كۈنگەتەييارلىقىمىز بولىشى كېرەك. ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ قاچان بولىشىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھتۇر.«قىيامەت ئەتە بولىدۇ» دىيەلمەيمىز، بىراق«قىيامەت ئەتە بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتالمايمىز. ئەگەردە قىيامەت بولسا، نېمىڭىز بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋاب قىلىسىز؟......