1"
576w
يارقىن
(Hi No. 1454928)
تۈركىيەدە مۇستاپا كامال دەۋرىدىن قالغان ئەسكەرلەرنىڭ جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشىنىڭ چەكلىنىش تۈزۈمى ئەردوغاننىڭ قارارى بىلەن بىكار قىلىنغاندىن كېيىن بىرقانچە مىڭ تۈرك ئەسكەرلىرى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇماقتا ،نېمىدىگەن ئېسىل كۆرۈنۈش ھە!..جۈمە كۈنى خەتىب مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەۋاتاتتى ، سۆزىدە : بىز ھەردايىم ئاللاھ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىشىمىز كېرەك ، ئالاقىمىزنى ئۈزۈپ قويساق بولمايدۇ . دەپ تۇرىشىغا ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى قوپۇپ : شەيخىم ! ئاللاھ بىلەن ئالاقىلىشىش نۇمۇرىنى دەپپەمەملا دىدى .
خەتىپ ئاچچىقلانماستىن : ئەمسە تىلىفۇنۇڭغا كىرگۈزىۋال : 24434 دىدى . خۇتبە ئاڭلاپ ئولتۇرغانلار شەيخنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيران قېلىشتى ، بىراق بۇنى چۈشەنگەن سۇئال سورىغۇچى كىشى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى ، چۇنكى بۇ نۇمۇر كۈندىلىك پەرىز نامازلارنىڭ سانى ئىدى . بامدات 2 رەكئەت پىشىم 4 رەكئەت ئەسىر 4 رەكئەت نامازشام 3 رەكئەت خۇپتەم 4 رەكئەت . ئاللاھ دىلىمىزنى ھىدايەت نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرسۇن ئامىن....