580w
juxkun786
(Hi No. 1359868)
سعوديه .، تەبۇك رايۇنىغا قار ياغقاندىن كىيىن، مەككە ھەرەم بەيتۇللاھ مەسجىدىنىڭ ئىمامى شەيخ شۇرەيم، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قانچە يەردە ياغقان قارنىڭ پەيغەمبەرلىك دالالەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.شەيخ شۇرەيم تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى تىۋىتتىردا مۇنداق دېدى:" قار دەريا – ئۆستەڭ ۋە ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئاساسى مەنبەسىدۇر. ئەرەب ئارىلىغا قارنىڭ يېغىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەردىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن" ئەرەب زىمىنى دەريا-ئۆستەڭ ۋە يايلاقلار ھالىتىگە قايتمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ". مۇسىلم رىۋايەت قىلغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تەبۇك رايۇنىغا ياغقان قارنى كۆرگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبۇك غازىتىدا مۇئاز رەزىيەللەھۇ ئەنھۇغا ئېيتقان مۇنۇ سۆزىنى ئىسىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئازغا مۇنداق دېگەن:" ئې مۇئاز سىنىڭ ئۆمرۈڭ يار بەرسە ئاۋۇ يەرلەرنىڭ بوستانلىققا تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن". مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئوتتۇرا شەرقى دۆلەتلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان قار ئارىلاش بوراننىڭ ئارقىسىدىنلا، تەبۇكنىڭ مەركىزىگە، بولۇپمۇ شىمال ۋە غەربى شىمال تەرىپىگە قار يېغىشقا باشلىغان، شۇنىڭغا ئوخشاش ھەم يامغۇرمۇ ياغقان.