569w
juxkun786
(Hi No. 1359868)
ئەردوغان: دارغا ئېسىلغان ئادەم موللا بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنيا سۈكۈت قىلدى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا باڭلادېشتا دارغا ئېسىلغان ئابدۇلقادىر موللاھ ھەققىدە توختىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلەرنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقلىرىنى، ئۈتۈنگەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن باش مىنىستىر ئەردوغان، «ئەپسۇسكى، داۋاملىق سەزگۇر مەسىلىلەردە سۈكۈت قىلغانلار بۇ قېتىممۇ سۈكۈت قىلدى. مەنپەئەتلىرىگە توغرا كەلگەندە ئۆلۈم جازاسىغا ئىنسانلىق جىنايىتى، دەپ قارايدىغانلار، ئېسىلىدىغان ئادەم موللا بولغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىدى. بۇ مەسىلىدىمۇ بىز سۈكۈت قىلمىدۇق، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سۈكۈت قىلىپ ماقۇللىغۇچىلاردىن بولمىدۇق» دېدى. تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەنقىدلىگۈچىلەرگىمۇ جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، ئىزىلگۈچىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋالاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئەردوغان، «بىز سۇرىيەلىك بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. مىسىرلىق بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز. غەززەدىمۇ نۆۋەتتە ناھايىتى ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە چوڭ دۆلەت ۋە چوڭ دۆلەت ھەق بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.» دېدى.