49"
568w
☝تەشنايى☪
(Hi No. 1359345)
يۈرەك ئىزىك كۆزۈمدە ياش بىلمىدىم،نىشانىڭسىز ھىچ ئىچىلىپ كۈلمۈدۈم.
ئازاپ بولدى ئۆتكەن ھەربىر كۈنلۈرۈم،
ھىس قىلغاندا ھىممىتىڭنى ئەي رەببىم.
يۈرۈپتىمەن تاپماقچى بوپ يارىمنى،
تۈكۈپتىمەن بىراۋ ئۈچۈن كۆز ياشىمنى.
كىمگە داتلاي نادان ئاشۇ ھالىمنى،
يىنىمدىكەن ئەڭ سۆيۈملۈڭ شۇ رەببىم.
ئازاپلانسام تەسەللىكەن ئەسلىدە،
نازىل قىلغان قەدىرلىك شۇ قۇرئانىم.
تاپالمىسام ئىزىپ كىتىپ يۇلۇمدىن،
يول باشچىكەن لەززەتلىك ھەم قۇرئانىم.
بۈگۈن بىرىپ ئۇ ھەممىنى سىناركەن،
ئەتە ئىلىپ سەبىرلەرنى كۈتەركەن.
سەبىرسىزنى يەرلەر يۈتۈپ كىتەركەن،
سەبىرلىكنى سۆيەر ئىكەن شۇ رەببىم.
تاشلاي ئەمدى نادانلىقنى كۇفرىنى،
مەنمۇ ئىستەي كۆرمەك ئۈچۈن رەببىمنى.
ئالاي قولغا ئىمان بىلەن قۇرئاننى،
مىنى يەتكۈز جەننەتلەرگە ئەي رەببىم.
دىلىم مەڭگۈ سەن ئۈچۈن رەببىم
19 Comments
............ :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم545w