577w
المسلم اخ المسلم
(Hi No. 1436509)
ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺱ .ﺋﻪ.ﯞ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ:ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻣﯚﻣﯩﻨﮕﻪ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﭼﯘﻣﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ: ﻧﻪﮔﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﯔ؟ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﻣﯚﻣﯩﻦ: ﻣﺎﯞﯗ ﻳﯧﯖﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻣﺴﻪﻥ ؟ ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﻣﯚﻣﯩﻦ : ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ﺩﯦﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ : ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻤﯘ؟ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﻰ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ . ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ :ﮪﻪﻱ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ! ﺑﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺷﯘ ، ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ : ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ،ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ-ﺩﯛﻣﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ : ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﻩﻳﺪﯗ.ﻣﯚﻣﯩﻦ:ﺳﻪﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﭼﺎﺗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﮪﻪﺭﯨﺪﯨﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﮪﻪﺭﯨﺪﻩﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻣﯚﻣﯩﻨﮕﻪ : ﺗﯘﺭ ! ﺩﻩﻳﺪﯗ ، ﺋﯘ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﻢ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ:ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻣﺴﻪﻥ؟ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻣﯚﻣﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﺘﻰ ، ﺋﻰ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ !ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻮﻏﯘﺯﻟﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﯘﭼﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯘ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻰ ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺪﯗ . ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺱ .ﺋﻪ.ﯞ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ :ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﯩﺘﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. (ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦ) ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ : ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﻣﻪﻛﻜﻪ-ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﮪﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ ﺯﯨﻤﯩﻨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﯞﺭﻩﻳﺪﯗﻛﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﺎﻓﯩﺮ-ﻣﯘﻧﺎﻓﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯨﺘﺪﯗ.(ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦ) ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ : ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻥ ﻳﻪﮪﯘﺩﯨﻠﯩﺮﺩﯨﻦ 70 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. (ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦ) ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ :ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻱ ﻛﺎﺯﺯﺍﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﮔﺎﮪﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭﻛﻰ ،ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻱ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﯖﻼﺭ ﺋﻪﺯﺯﻩﯞﻩﺟﻪﻟﻠﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﻙ.ﻑ.ﺭ(ﻛﺎﻓﯩﺮ) ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ . ﺩﯦﺪﻯ (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮪﻪﺩﯨﺲ) ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ: ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﻤﯘ؟ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻱ، ﺋﯘ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯨﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺩﯨﮕﯩﻨﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯘﺭ. (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮪﻪﺩﯨﺲ). ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ( ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ) ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ ، ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ، ﻣﻪﮪﺪﻯ، ﺩﻩﺟﺠﺎﻝ، ﺋﯩﻴﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ . ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼﮪ. 2# abdul915 ﺷﯘﻧﯩﻼ ﻛﯚﺭﯛﺵ
8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ
ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺭﻩﺩﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ : ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﺴﻔﺎﮪﺎﻥ ﻳﻪﮪﯘﺩﯨﻠﯩﺮﺩﯨﻦ 70 ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. (ﻣﯘﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦ)