3'31"
577w
المسلم اخ المسلم
(Hi No. 1436509)
ئىسلامغا پۈتۈنلەي كىرىمىز!!!بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامغا پۈتۈنلەي ھالەتتە كىرىش رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 1400 يىل بۇرۇن كىشىلەرگە: شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، شۇ زامان ئەھلى ئارىسىدا دىندا سەۋرى قىلىپ، چىداپ تۇرغۇچى، خۇددى ئالقىنى بىلەن چوغنى چاڭگاللاپ تۇرغۇچىغا ئوخشايدۇ، دەيدۇ.
ساھابىلەرنى شۇنداق خوش قىلىۋەتتىكى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز، " شۇ ۋاقىتتا كىمىكى بىر ئادەم سىلەرنىڭ (ساھابىلەر) ئەمەلىڭلاردىن بىر ئەمەلىنى قىلسا، سىلەرنىڭ (ساھابىلەر) ئىچىڭلاردىن 50 ئادەمنىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ دەيدۇ. ساھابىلەر ھەيران قالدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام بىر چوغقا ئوخشاپ قالغاندا كىم ئىسلامنىڭ قېشىغا كىلىمەن دېسە ئىسلام خەتەرلىك، ئىسلام قېيىن، ئىسلام بىر چوغ، كىم ناماز ئوقۇيمەن دېسە، كىم روزا تۇتۇمەن دېسە، كىم ياغلىق (ھىجاپ) ئارتيمەن دېسە، كىم ساقال قويىمەن دېسە ئۇنىڭغا خەتەر كىلىدىغان بىر زامان بولىدۇ بۈگۈنكى زامان شۇ! بۇ ۋاقىتتا كىمىكى شۇ بىر ياخشى ئەمەلنى قىلسا 50 ساھابىنىڭ ئەمەلىنى قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ دىيىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە كىم ئىسلامنى تۇتۇدىكەن، قولى كۆيسىمۇ، پۇتلىرى كۆيسىمۇ، زىندانلارغا چۈشسىمۇ، مەسخىرە قىلىنسىمۇ، مالامەت قىلىنسىمۇ، تاپا-تەنە قىلىنسىمۇ، ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقىرىلسىمۇ، يۇرتلىرىدىن سەرگەردان بولسىمۇ، ھىجرەت قىلسىمۇ، زىندانلاردا قىيىن-قىستاققا ئېلىنسىمۇ... ئىسلامدىن بىر ئەمەلنى قىلىدىكەن ئۇ ئىنسان 50 ساھابە قىلغان ئەمەلنىڭ ساۋابىنى ۋاللاھى ئالىدۇ قېرىنداشلىرىم. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بۇ سۆزنى دەۋاتىدۇ، ئاللاھ بىزنى ساھابىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن، ساھابىلەر ئېرىشكەن جەننەتلەرگە بىزنى ئېرىشتۈرسۇن، ھەزىرتى بىلال كىرگەن جەننەتكە ئەككىرسۇن! بىزنى ئاللاھۇ سۇبھانەۋەتەئەلا، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋىف كىرگەن جەننەتكە ئەككىرسۇن! بىزنى ئاللاھۇ سۇبھانەۋەتەئەلا، سەئىد ئىبنى ۋەققاس كىرگەن جەننەتكە ئەككىرسۇن بىزنى ئاللاھۇ سۇبھانەۋەتەئەلا...!!!
مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) جەننەتۇل فىردەۋىستە بولىدۇ قېرىنداشلار! ۋە ھەۋزى كەۋسەرنىڭ قېشىدا سۈت ئىچىدۇ، ساھابىلەرنى قارشى ئالىدۇ،ماڭا ئەگەشكەنلەر قېنى؟! دەيدۇ قىيامەت كۈنى مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم). كىمىكى مۇھەممەدكە (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئەگەشكەن بولسا قىيامەت كۈنى قۇتۇلىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ھەجەپ تەس!!! ھەجەپ تەس!!! بۈگۈنكى كۈندە...، مۇھەممەدنىڭ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) سۈننىتىگە ئەگەشكەن ئىنسان بۈگۈن ئۇنىڭ قولى كۆيىدۇ قېرىنداشلار، ئۇ زىندانغا چۈشۈدۇ، ئۇ باشقىلار تەرەپتىن مەسخىرە قىلىندۇ، ئۇ مالامەت قىلىندۇ. ئەمما ئۇ دەيدۇكى- مەن مۇھەممەدنىڭ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) شاپائىتىگە ئىرىشمەكچى بۈگۈن! بۈگۈنكى كۈندە، بۇ زالىمنىڭ قولىدا! بۇ زالىمنىڭ مەسخىرسىدە! بۇ زالىمنىڭ ئەشۇ بىز خاتىرجەم ماڭالمايۋاتقان كوچىلىرىدا مۇھەممەدنىڭ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئىزىدا ماڭىمەن!!! مۇھەممەدنىڭ سۈننىتىدە ماڭىمەن !!! (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مەن قىيامەت كۈنى رەسۇلىللاھ كىرگەن جەننەتكە كىرمەكچى، چۈنكى رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىيامەت كۈنى ھەۋزى كەۋسەر يېنىدا ساھابىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ۋەدە قىلغان قېرىنداشلار!
بىز ساھابىلەر ئەمەس، بىز ساھابىلەرگە يىتەلمەيمىز ئەمما بۈگۈنكى كۈندە كىمىكى ئىسلامنى قولى كۆيسىمۇ، پۇتى كۆيسىمۇ... بۇ چوغنى تۇتۇدىكەن ساھابىلەردىن 50 كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنىقىيامەت كۈنى ئالىدۇ، ئاللاھ سۇبھانۇۋەتەئەلا بىزلەرنى ساھابىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ئېلىشقا نىسىپ ئەتسىۇن! بۈگۈنكى جەمئىيتمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىزغا نىسىپ قىلسۇن!
مەيلى ئون ئادەم قالسۇن ئۇيغۇردىن، مەيلى 20 ئادەم قالسۇن ئۇيغۇردىن بىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۋىلىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان ئەمەس بىز، بىزنىڭ تەكلىپ قىلىنغان نەرسىمىز ئىنسانلارغا ياخشىلىقنى سۆزلەش، ياخشىلىققا بۇيرۇش،ئىنسانلارنى يامانلىقتىن توسۇش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى شۇ جەمئىيەتتىكى داشقاللارغا ئارلىشىپ قېلىشتىن توسۇش!
ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنى توسۇش، ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتىنى توسۇش!!! سىز ناماز ئوقۇيسىز، بالىڭىز ناماز ئوقىمايدۇ، سىز يۆگەنگەن، بالىڭىز يالىڭاچلانغان بۇنداق جەمئىيەت بولمايدۇ قېرىنداشلار! بىز باللىرىمىزنى تەربىيلىشىمىز لازىم، ئىلىمدە بىلىمدە تەربىيلىشىمىز لازىم، ئىلىمنىڭ مەركىزى قۇرئان كەرىم، قۇرئان كەرىم پۈتۈن نەرسىلەردىن تەركىپ تاپقان، ماتىماتكا، فىزىكا، بىئولوگىيە، فىزولوگىيە... ھەممە نەرسە قۇرئان كەرىمدە ئېشىپ تاشقان، قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىللىرى پۈتۈن كاپىرلارنى ھەيران قالدۇرۋاتقان، دوكتۇرلارنى ھەيران قالدۇرۋاتقان، دوكتۇر پىراپىسورلار ئۆزىنىڭ 20-30 يىل قىلغان تەجىربسىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى بىر ئايەت ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قۇرئان كەرىمگە ئولاشماي تۇرۇپ بىزگەنىجاتلىق يوق قېرىنداشلار بىزنىڭ قولىمىزدا قۇرئان كەرىم بار، قۇرئان كەرىم ئۆيلىرىمىزنىڭ تاكچىلىرىغا ئېلىپ قويۇدىغان نەرسە ئەمەس قىرىنداشلار! قۇرئان كەرىم ئۆزىمىزگە ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە ئېلىپ ماڭىدىغان بىر ھېكمىتىمىز، قۇرئان كەرىم بىزنىڭ مەشئىلىمىز، قۇرئان كەرىم بىزنىڭ يولباشچىمىز، قۇرئان كەرىم بىزنىڭ قانۇنىمىز!!! قۇرئان كەرىمى بىزنىڭ كومپاسىمىز، يول كۆرسەتكۈچىمىز قېرىنداشلار!!!
يولدىن ئازغان ھامان بىز قۇرئان كەرىمگە قارايمىز، قايسى يولغا كىتىۋاتىمەن؟ قايسى يولدا ھىدايەت، تەۋفىق رەھمەت يولىغا ماڭىمەن، قايسى يولغا ماڭسام شەيتاننىڭ يولىغا ماڭىمەن دەپ قۇرئان كەرىمنىڭ يول كۆرسەتكۈچىگە قارىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.
قۇرئان كەرىم لاتىلارغا يۆگەپ ئېلىپ قويىلىدىغان نەرسە ئەمەس، قۇرئان كەرىم مۇقەددەس كىتاپ دەپ ئىنجلغا، تەۋراتقا ئوخشاش ئىگىز يەرلەرگە ئېلىپ قويۇلۇپ، مۇقەددەس دەپ ئېغىزدا ئېيتىلىپ قويۇلۇپ ئالتۇندىن قىممەتلىك كۆردىغان كىتاپ ئەمەس بەلكى قۇرئان كەرىم بىزنىڭ ھايات كىتابىمىز، بىزنىڭ قەدىمىمىز، تۇرمۇشۇمىزدا، نىكاھىمىزدا قېرىنداشلار ئارا مۇئالىمىللىرىمىز... دا شۇنداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاختىمىزدا دەرھال ئېچىپ قارىساق چىقىش يولى ئاتا قىلىدىغان بىر مۆجىزىۋىي كىتابى كالامۇللاھ ئاللاھنىڭ سۆزى،كىمىكى بىر مۇسىبەتكە دۇچ كەلسە، كىمىكى يولدىن ئازسا، كىمىكى ئۇنىڭ كاللىسىدا بىز ئىش تاقىلىپ قالسا دەرھال ئۇ يانچۇقىدىكى قۇرئان كەرىمنى ئاچسۇن قېرىنداشلار! ....