577w
يا رەببىم
(Hi No. 1408466)
маи√zeι:وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ (18) كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ [18] سۈرە لوقمان] عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ - قَالَ هَنَّادٌ: - قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: قَالَ اللَّهُ عَزَّ وَجَلَّ: «الْكِبْرِيَاءُ رِدَائِي، وَالْعَظَمَةُ إِزَارِي، فَمَنْ نَازَعَنِي وَاحِدًا مِنْهُمَا، قَذَفْتُهُ فِي النَّارِ» ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: كىبىرلىك ۋە ئۇلۇغلۇق مېنىڭ خاس سۈپەتلىرىم بولۇپ، كىمكى ئۇنىڭدىن بىرىنى مەندىن تالىشىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا تاشلايمەن،-دېدى. [ئەبۇ داۋۇد: 4090] ئەلبانى (3446): سەھىھ،-دېگەن. عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ مَسْعُودٍ، عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «لَا يَدْخُلُ الْجَنَّةَ مَنْ كَانَ فِي قَلْبِهِ مِثْقَالُ ذَرَّةٍ مِنْ كِبْرٍ» قَالَ رَجُلٌ: إِنَّ الرَّجُلَ يُحِبُّ أَنْ يَكُونَ ثَوْبُهُ حَسَنًا وَنَعْلُهُ حَسَنَةً، قَالَ: «إِنَّ اللهَ جَمِيلٌ يُحِبُّ الْجَمَالَ، الْكِبْرُ بَطَرُ الْحَقِّ، وَغَمْطُ النَّاسِ» ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇقى بار ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېدى. بىر ئادەم: كىشى ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ كىيىمى ۋە ئايىغىنىڭ چىرايلىق بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھ گۈزەلدۇر. گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇق دېگەن ھەقنى ئىنكار قىلىش ۋە كىشىلەرنى تۆۋەن كۆرۈشتۇر » دېدى. [مۇسلىم:91] عَنْ عَمْرِو بْنِ شُعَيْبٍ، عَنْ أَبِيهِ، عَنْ جَدِّهِ، عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، قَالَ: يُحْشَرُ الْمُتَكَبِّرُونَ يَوْمَ القِيَامَةِ أَمْثَالَ الذَّرِّ فِي صُوَرِ الرِّجَالِ يَغْشَاهُمُ الذُّلُّ مِنْ كُلِّ مَكَانٍ، فَيُسَاقُونَ إِلَى سِجْنٍ فِي جَهَنَّمَ يُسَمَّى بُولَسَ تَعْلُوهُمْ نَارُ الأَنْيَارِ يُسْقَوْنَ مِنْ عُصَارَةِ أَهْلِ النَّارِ طِينَةَ الخَبَالِ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مۇتەكەببىرلەر قىيامەت كۈنى ئادەم سۈرىتىدە ئەمما زەررىچىلىك ھەجىمدە بولىدۇ، ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن خارلىق قاپلاپ، دوزاختىكى بۇلەس دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرمىگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلارنى دەھشەت ئۇلغايغان ئوت كۆيدۈرىدۇ، ئۇلار دوزاخ ئەھلىنىڭ تىينەتۇل خابال دەپ ئاتىلىدىغان يىرىڭلىرى بىلەن سۇغۇرىلىدۇ» [تىرمىزى: 2492] ئەلبانى (2025): ھەسەن،-دېگەن. عَنْ عِيَاضِ بْنِ حِمَارٍ، أَنَّهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «إِنَّ اللَّهَ أَوْحَى إِلَيَّ أَنْ تَوَاضَعُوا حَتَّى لَا يَبْغِيَ أَحَدٌ عَلَى أَحَدٍ، وَلَا يَفْخَرَ أَحَدٌ عَلَى أَحَدٍ» ئىياز ئىبنى ھىمار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ تائالا ماڭا:" كەمتەر بولۇڭلار! ھېچكىم ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمىسۇن، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئالدىدا چوڭچىلىق قىلمىسۇن" دەپ ۋەھىي قىلدى» [ئەبۇ داۋۇد: 4895] ئەلبانى (4093): سەھىھ،-دېگەن.