577w
nida
(Hi No. 1360050)
هـه ر قانداق ئشقا ئالدىراپ قارار چىقارما ،قارارنى ۋاقىتقا قويۇپ بەر، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ! سەن راست دېگەننىڭ يالغانلىقىنى ، سەن مۇمكىن بولمايدۇ دېگەننىڭ مۇمكىن بولدىغىنىنى ، سەن هـەق دەپ بىلگەننىڭ ناهـەقلىقىنى ، سەن دوست دەپ بىلگەنلەرنىڭ دۈشمەنلىكىنى ، سەن ئاق دەپ بىلگەننىڭ قارا ئىكەنلىكىنى ۋاقىت ساڭا ئسپاتلىغاندا كۈلۈپ قويۇپلا ئۆتكۈزۈۋىتىشتىن باشقىسى ئارتۇقچه!!! بۇ جاهاندا كىم كىمنى چۈشەنگەن، هـەممه ئادەمدىن ۋاپا ئىزدەپ يۈرمه، چىدىغانلار ياشايدىغان دۇنيا بۇ !!!!!!! يەپ ساپتىمەن دېگەن كېسەلگه باشلايدۇ ، دەپ ساپتىمەن دېگەن جېدەلگه باشلايدۇ، بۇ هـىكمەتنى بىلمىگەن كىشى ، لېۋىنى چىشلەپ بېشنى قاشلايدۇ . نۇرغۇن ئشلارنى كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس، يۈرۈكۈڭ بىلەن پەرق ئەت . بىر نەرسىنى سەزگەنده كۆڭلۈڭگه چىكىت قويۇشنى ئۆگەن. يەنە بىر گەپنى ئۇنۇتما، مۇهەببەت ، هـىسسيات تۇرمۇشنىڭ بارلىقى ئەمەس، هـىسياتنىڭ قۇلى بولۇپ قالما. ئەمما مۇهـەببەت هـىسياتىنى دەپسەنده قىلما، سۆيگىن... سۆيۈلگىن... ساختىلىق قىلما!!! بىلگىنكى دۇنيادا ھەممىنى كونتىرۇل قىلىپ تۇرغۇچى ، كۆرۈپ تۇرغۇچى بىر زات بار. ئاللاھ !!!