577w
barhan418
(Hi No. 1359935)
بىر ئەر ئۇزۇن ئۆمۈر بويتاق ئۈتىپتۇ،چۈنكى ئۇ بىر ئەيىپ-نۇقسانسىز بىر ئايالنىڭ بۇلىشىنى ئىزدەيدىكەن،ئۇ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ،بىرسى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:-سىز بىر ئۆمۈر ئل ئارىلاپ ئەيىپ-نۇقسانسىز بىر ئايال ئىزدىدىڭىز ،ئەجەبا شۇنچە كەڭ زىمىندىن بىرەرمۇ ئەيىپسىز ئايال ئۇچىرمىدىمۇ؟...-دەپ سوراپتۇ،ئۇ بوۋاي ئىنتايىن ھەسرەتلەنگەن ھالدا :بىر قېتىم ئۇچىراتقان ئىدىم ،-دەپتۇ.ھېلىقى ئادەم يەنە :ھە،ئاخىرى قانداق بولدى ؟سىلە نىمىشقا توي قىلمىدىڭلا؟-دەپتىكەن،ھېلىقى بوۋاي تېخىمۇ ھەسرەتلەنگەن ھالدا:قانداق بولاتتى،..........ئۇمۇ بىر ئەيىپ-نۇقسانسىز بىر ئەر ئىزدەيدىكەن،-دەپتۇ..........شۇنداق دۇنيادا ئەيىپسىز ئىنسان بولمايدۇ ،شۇڭا ھەر ئىنسان يەنە بىر ئىنسانغا ئەيىپنى تۈزۈتۈش ئەينىكى بولۇپ،مۇكەممەل ئادەم بوپ بېقىشقا قاراپ دادىل قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىش كېرەك!!!!!