577w
nida
(Hi No. 1360050)
ئاددىي ئەمما مۇھىمئايالى ئۆيگە كېچىكىپ قايتىپ كېلىدۇ، ئەر قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، سەت گەپ ، دەشناملەر بىلەن ئايالىنى قارشى ئالىدۇ، ئايالى ئۆيگە كېچىكىپ قايتىپ كېلىدۇ، ئېرى قىزغىنلىق، خوشاللىق بىلەن ئايالىنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يوللار تۇسۇلۇپ كېتىدۇ، دوستىمىزنىڭ ئالدىرغىدەك ئانچە مۇھىم ئىشىمۇ يوق، لېكىن شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېرۋېللىرى چېچىلىپ، ئاچچىقلىنىپ بىردەم ئانى بىردەم مانى تىللايدۇ، كەلگەن – كەتكەندىن ئاغرىنىدۇ. كەيپىياتىنىڭ ناچارلىقىدىن يۈرەك رىتىملىرى تىز- تىز سوقىدۇ.
يەنە بىر يولمۇ ھەم شۇنداق توسۇلۇپ كەتكەن، ئەمما بۇ شوپۇرىمىز شۇنداق سوغۇققان، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان، يۈرەك سوقۇشى نورمال، نېرۋىسىنى خۇددى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغاندەك تىپ – تىنىچ.
ئوخشاش ھالەت، ئوخشاش ۋەزىيەت، ئەمما تۈپتىن ئوخشىمىغان ئىنكاس، تۈپتىن ئوخشىمىغان تۇيغۇ. سىلەر بۇ ئوخشىماسلىقلار نېمە ئۈچۈن؟، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ئىشتىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار كېلىپ چىقىدۇ ،- دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى مەسىلىلەرنى ئىچكى دۇنيارىمىزدا تەھلىل قىلىشنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن بولغان دىيىشكە بولىدۇ.
بىرىنچى ھالەتتە، ئايال ئۆيگە كېچىكتى، ئېرى بولسا، مەسىلىنى، ئايالىنىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلماسلىق ، كۆزگە ئىلماسلىق ، ھۆرمەت قىلماسلىق دەپ تەھلىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىنى تىل – دەشنام بىلەن كۈتۈۋالدى.
ئىككىنچى ھالەت، ئايال ئۆيگە كېچىكتى، ئېرى بولسا، مەسىلىنى ئايالىمغا ئېھتىمال بىرەر ئىش بولۇپ قالدىمۇ، ياكى بىرە ۋەقەگە دۈچ كەلدىمۇ دەپ ئەنسىرەش، كۈيۈنىش نوقتىسىدىن تەھلىل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ ساق – سالامەت كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خوشاللىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالدى.
يوللار تۇسۇلغان، بىرىنچى شوپۇر بولسا، بۇ شەھەردە ياشىماق تەسلىشىپ كەتتى، ئىنسانلار ئەخلاقسىزلىشىپ كەتتى، قاتناش قائىدىسىنى بىلمەس بولۇپ كەتتى ۋە ھاكازالار .. دەپ كەتكەن – كەچكەننى تىللاشقا باشلىدى. ئەمما ئىككىنچى شوپۇر بۇ بەلكى قۇرئاندىن بىرەر سۈرە ئاڭلاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولدى، ياكى ئاللاھ مېنىڭ سەبرىچانلىقىمنى ئىمتىھان قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ھەربىر ئىشتا ئاللاھنىڭ مەن بىلمەيدىغان ھېكمىتى بار دەپ خاتىرجەم كۈلۈمسىرەپ يولنى داۋاملاشتۇردى.
ھەقىقىي بەخت- سائادەت ، خاتىرجەم – ئاسايىشلىق بىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزدىن كېلىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ھەربىر چوڭ – كىچىك ئىشتا ئاللاھنىڭ قولى بار دەپ بىلىش، سوغۇققان بولۇش بىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ مەسىلىنى ساغلام ئانالىز قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ناۋادا شارائىت ياخشى بولسا، خوشال، خاتىرجەم بولىمىز، شارائىت ناچار بولسا سەبرى قىلىمىز ، ھەم خاتىرجەم بولىمىز. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ. ئاللاھ بىزنى ئۆز رەھمىتىنى نامايەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان، ئاللاھ ھەرقانداق ئىشتا بىزگە مېھرى – شەپقەت نوقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاللاھ بىزنى ئۆزىمىز – ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدۇ.
بىز كۈندە ئوخشىمىغان ئىشلار دۈچ كېلىمىز، ئىسلام – ئىمان بولقىدىن ئاغىزىنى نەم قىلغان ھەربىر كىشى ئاشۇ دۈچ كەلگەن ئىشنى قايسى تەرەپتە تورۇپ ئانالىز قىلشنى بىلىدۇ دەپ قارىغانلىقتىن، بۇ مەسىىگە ئالاقىدار ئايەت- ھەدىسلەرنى زىكرى قىلمىدىم.
يەكشەنبە، 2013-يىل 1-دېكابىر
ئىستانبۇل - كۈسەنى