578w
LOS~KY
(Hi No. 1359094)
نىۇزەيكۇنى كىيگەن قىز يىرتىۋاپتۇ تىزىنى،پىنھاندىكى ئەۋرەتنىڭ كۆرسۈتىپتۇ ئىزىنى.
ساغرىسىمۇ سۈزۈلگەن،ئاقارتىپتۇ يوتىنى،
قوزغاپ شۇئان ئەركەكنىڭ،شەھۋەت ھەۋەس ئوتىنى.
بەكمۇ تۆۋەن باغلاپتۇ ئىشتىنىنىڭ بېغىنى،
تاماس قاپتۇ كىيىشكە يىرتىۋېتىپ ئېغىنى.
دىگەنلىرىم لاپ ئەمەس،كۈزەتسىڭىز بىلىسىز،
شۇ قىزلارنىڭ تۇرقىغا بىر قاراپلا كۈلىسىز.
ئۇلار ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىپ يۈرسە بولماسمۇ ؟ئۆز مىللىتى_ ئەسلىنى بىلىپ يۈرسە بولماسمۇ؟
ئەنئەنىنى ساقلىسا،بولماس ھەرگىز قالاقلىق,
ئۇزۇن كۆڭلەك كىيگەن قىز شەھرىمىزدە ساناقلىق.
نەدە قالدى پەردىشەپ،بىلمەس توۋا دىيىشنى،
كىم ئۈگەتتى ئۇلارغا،بۇنداق ئىشتان كىيىشنى؟سەت ئەمەسمۇ كوچىدا ماڭسا شۇنداق چىقىرىپ،
ئەل-جامائەت كۆرسە ھەم ياقا تۇتار ئىشقىلىپ.
بۇنداق يۈرۈش قىزلارغا تۇيۇلماسمۇ سەتچىلىك؟
ئويلاپباقساق ئەسلى بۇ _ ئوغۇللارغا نەسچىلىك!ھېچ بىلمىدىم ئۇلارنىڭ يوقمۇ دۇرۇس ئاپىسى؟