578w
LOS~KY
(Hi No. 1359094)
بىلىم ئىسپاتلىدى: مۇسۇلمان ئاياللار دۇنيانىڭ ئەڭ پاكىز ئاياللىرىدۇرئالىم روبېرت گىلھىم نەچچە ئون يىللىق ئۆمرىنى ئەرنىڭ ئايالدا قالدۇرىدىغان ئىزى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئەرنىڭ ئايالدىكى ئىزى ئايال ئېرىدىن ئايرىلىپ 3ئايدىن كېيىن تولۇق يوقىلىپ بولىدىغانلىقىنى دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان.
مىسىردا چىقىدىغان «مىسىرلىقلار» گېزىتى مىسىر تېببىي ئانالىز مەركىزىنىڭ ئۇستازى دوكتور ئابدۇلباسىت مۇھەممەد سەييىدنىڭ مۇنۇ باياناتىنى ئېلان قىلغان:
«ئالىم روبېرت گىلھىم ئالبىرت ئېنىشتېين ئىنستىتۇتىنىڭ تۆرەلمىشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمىنىڭ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ 3 ئاي ئىددەت تۇتۇشى لازىملىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنى بىلىش بىلەن تەڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قۇرئان كەرىمىدە ‹تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ› دەپ كۆرسىتىلگەن.
... بۇ ئالىمنى قايىل قىلغان ئىلمىي ھەقىقەت شۇكى، ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر تۆشەكتە بولۇشى جەريانىدا ئايالدا ئەرنىڭ مەخسۇس ئىزى قالىدىكەن. ئەر-ئايال يېقىنچىلىق قىلمىغان ھەر ئايدا بۇ ئىز يوقىلىشقا قاراپ يول ئالىدىكەن ۋە ھەر ئايدا 25 ياكى 30 پىرسەنتكىچە يوقىلىپ بېرىپ، ئاخىرى 3 ئايدا تولۇق يوقىلىپ بولىدىكەن، ئايالمۇ باشقا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولۇشقا مۇناسىپ ھالغا كېلىدىكەن.
ئالىم روبېرت گىلھىم بۇ ھەقىقەتنى بىلگىنىدىن كېيىن، ئافرىقىلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەر بىر مۇسۇلمان ئايالدا پەقەت ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭلا ئىزى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئاندىن باشقا رايونلاردىكى مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئايالدا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئەرنىڭ ئىزى بارلىقىنى ۋە بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز ئەرلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەنمۇ بىرگە بولىدىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھەتتا بۇ ئالىم، ئۆزىنىڭ ئايالى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئايالىدا ئۈچ ئەرنىڭ ئىزى تېپىلغان. ئاخىرى ئايالىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەن، ئايالىنىڭ ئېرىگە خىيانەت قىلىدىغانلىقى ۋە بالىلىرىدىن بىر ئوغلىدىن باشقا ھېچقايسىسىنىڭ ئېرىگە ئائىت ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئالىم روبېرت گىلھىم ئىسلام دىنىنىڭ ئايالنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاش، جەمئىيەتنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتىمۇ ئەڭ ئىلغار دىن ئىكەنلىكىنى ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يەر يۈزىدىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ پاكىزى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.»