Avatar
597w
LOS~KY (Hi No. 1359094)
‏يەئقۇب ئەلەيھىسسالام يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز يېنىدىن ئايرىلماي تۇرۇشىنى ئىرادە قىلدى ، ئەمما ئاللاھ ئۇلارنىڭ كۆپ يىل ئايرىلىشىنى ئىرادە قىلدى. ‏يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى ئىرادە قىلدى ، ئەمما ئاللاھ ئۇنى تىرىك قالدۇرۇپ زىمىندا تېخىمۇ ئەزىز قىلىشنى ئىرادە قىلدى. ‏زۇلەيخا ئۆز شەھۋېتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يۈسۈف ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولۇشنى ئىرادە قىلدى، ئەمما ئاللاھ يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك ھالەتتە قېلىشىنى ئىرادە قىلدى. ‏پەيغەمبەر ئەليھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئىرادە قىلدى، ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمانسىز ھالەتتە كېتىشىنى ئىرادە قىلدى. ‏ ‏دېمەك ، ئىنسان ئىرادە قىلىدۇ، ئەمما ئاقىۋەتتە پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بولىدۇ ... ‏- پ‏
Tweet
1 like
Like
2 Comments
Sabitkadam :Maxaalla584w
Sabitkadam :584w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms