579w
المسلم اخ المسلم
(Hi No. 1436509)
مۆجىزە كەبىي بىر ھەدىس ئەتىگەن بامدات ئوقۇپ بىردەم ماتىريال كۆرەي دەپ بۇ يىل يىڭى نەشىرىدن چىققان خەلقىئرا فارابى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ،ئىسلام تەربىيسى ھەققىدە يىزىلغان يىگانە ئەسەر "ئىسلام تەربىيە پەلسەپىسى" دىگەن كىتابنى قولۇمغا ئالغانتىم .كىتابنى ئىچىشىمغا بىر ھەدىس كۆزۈمگە چىلىقتى .ئاپتۇرى بۈگۈنكى تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ماددىنى قوغلۇشۇپ كىتىپ بارغانلىقىغا مۇشۇ ھەدىسنى دەلىل سۈپتىدە نەقىل قلىپتىكەن . قايتا-قايتا ئوقۇدۇم ،دەرسكە چىقتىم كاللامغا بەكمۇ كىرىۋالدى .شۇنىڭ بىلەن قىرىنداشلىرىم بىلەن بىرگە ئورتاقلىشىش ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللاشنى توغرا تاپتىم. پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: << كىيىن بىر زامان كىلىدۇ، شۇ دەۋىردىكى كىشلەرنىڭ ھىممىتى ــ قورساق، شان-شەرىپى ــ ھوزۇر-ھالاۋەت، قىبلىسى ــ ئاياللار، دىنى ــ پۇل-پۇچەكتۇر. بۇ كىشلەر ئەڭ ناچار كىشلەردۇر. بۇلارنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدا قىلچىمۇ نەسىبىسى يوقتۇر!>> زامانىمىزغا نەزەر سالايلى بىزنىڭ ئوقۇشىمىز ،تەربىيە ئۇسۇلىمىز، يۈرۈش-تۇرۇشىمىز مۇشۇ ھەدىس بايان قىلغان مەزمۇننىڭ سىرتىدا ئەمەسقۇ؟ ئاللاھ !ئاللاھ !... ئۆزۈڭ ھىدايەت قىلغىن! بىزنى قىيامەت كۈنى خار قىلمىغىن! بىلمىمىزنى ئۆزۈمىزنىڭ زىينىغا ھۆججەت قىلمىغىن!بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىنىقىدىن ساق ئۆتكىلى نىسىپ قىلغىن ئۇلۇغ پەرۋەردىگار!!!...ئامىين