644w
يا رەببىم
(Hi No. 1408466)
جەننەت قىزلىرى ھەي يىگىت! بۇ فانى ئالەم ئۈچۈن ئادەملەر نېمىلەرنى قىلمايدۇ، نېمىلەرگە رازى بولمايدۇ!؟ دۇنيا ۋاپا قىلمىغىنىدەك ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەر ۋاپا قىلارمۇ!؟ « شۈبھىسىزكى بىز ئۇلارنى ( ئاھۇ كۆزلەرنى) يېڭىدىن پەيدا قىلدۇق ( يەنى ئۇلار ئانىدىن تۇغۇلمىغاندۇر بەلكى اللە نىڭ قۇدرىتى بىلەن يېڭىدىن پەيدا بولغاندۇر) » ( ۋاقىئە:35). شۇنداق ، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىمۇ ، ئاتىلىرىمۇ يوق . ئۇلار تۇغۇلماستىن يارىتىلغاندۇر. ئۇلارنى شۇنىڭدىن بۇيان ھىچكىم كۆرمىدى ۋە كۆرۈشكە لايىق بولغانلاردىن باشقا ھىچكىم ھەم كۆرەلمەيدۇ. بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. قاراپ باققىن ھازىر مۇشۇ دۇنيانىڭ قىزلىرىغا ئېرىشىش نەقەدەر قىيىن! ھېچكىم ساڭا ئۇزۇن يىل بېقىپ تەستە تەربىيەلەپ چوڭ قىلغان پەرزەنتىنى ئاسانلا بېرىپ قويمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە شۇنىڭغا لايىق ئىش قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرىت قىيىن ئاتا ۋە قىيىن ئانىنىمۇ رازى قىلماي باققىنچۇ ؟ بەزىلەر خۇددى قىزلىرىنى ئۆزى ياراتقاندەك بۇيۇمنى ساتقاندەك سېتىشىدۇ . شۇنداق قىلىپ نىسىپ بولغان بولسا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيلىنىپ دۇنيادىكى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە مۇپتىلا بولۇپ، تۇرمۇشقا باشچىلاپ كىرىپ كېتىسەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى مۇشەققەتلەرچۇ تېخى ، ھەممىسى ئېمتىھان. دېمەك، دۇنيا نىكاھى ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇشەققەت چەككەپ يەردە ، ئاخىرەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ھەم ئاسان ئەمەس. «ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﺗﻪﯕﺘﯜﺵ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ .» ( ۋەقىئە:36-37) ئۇلارنى اللە «باكىرەلەر» دىدى.بىر تەرەپتىن ئۇلارنى كۆپلۈك ھالەتتە كەلتۈرمەكتە ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ باكىرەلىك بىز بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ھالدا ئەمەس. ئەبەدىيەتنىڭ باكىرەلىكىمۇ ئۆزىگە خاستۇر. بۇ ھۆرنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى كۆردىڭمۇ بۇرادىرىم ! قانداق قىلىپ بولسىمۇ شۇلارغا ئىرىشىشقا ھەرىكەت قىل! بۇ قايغۇ ۋە تەشۋىش ،دەرد تولغان ھاياتتىن زىرىككەن ۋە بىزار بولغان بولساڭ ! دۇنيانىڭ بىۋاپالىقىنى ،ئاچچىقلىقىنى تىتىغان بولساڭ! مۇقەددەس ئايەتلەر يەنە ھۆرلەرنى تەرىپلەشتە داۋام ئەتمەكتە: «(ئۇلار)ﺋﯧﮕﯩﺰ (ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ) ﺗﯚﺷﻪﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.» ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆشەكلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش قېيىن.ئۆيىڭىزدىكى يۇمشاق تۆشەكتە ياتقىنىڭىزدا ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلىسىز؟ ئەگەر شۇ تۆشەك بىر نەچچە قەۋەت قېلىنلاشتۇرۇلسا ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىسەن. بۇ ئادەملەرنىڭ قولى بىلەن ياسالغان ئاددى يەر تۆشەكلىرىدىكى ھالەت. لېكىن راھەتلىنىش ئۈچۈن يارىتىلغان، مەخسۇس كۆتۈرۈلگەن جەننەت تۆشەكلىرىچۇ ! ئاشۇ تۆشەكتە سوزىلىپ ياتقان گۈزەل ھۆرلەرچۇ ! سېنى شۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشتىن نېمە توسۇپ قالالايدۇ؟ باشقا ئايەتتە : « ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﻪﺧﺘﻠﻪﺭ، ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﮬﻠﻪﺭ، ﺭﻩﺕ- ﺭﻩﺕ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻼﺭ، ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﯩﺴﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ.» ( غاشىيە : 13-16 ) ئى ئاللاھىم ! بۇ قانداق مەنزىرە ھە؟ بۇ قانداق بەزمە ھە؟ بۇ قانداق توي ھە؟… ئەي بۇرادىرىم ! ئېگىز كارىۋاتلار ئەتراپىغا تىزىلغان گۈزەل تىللاھ قەدەھلەرنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرىۋاتامسەن؟ ھەممە تەرەپكە سېلىنغان قېلىن گىلەم ۋە يۇمشاق ياستۇقلارنىچۇ؟ سەن بۇ نېئمەتلەرنى چاقچاق دەپ بىلمە ! ھازىر سەن ئۇلار ھەققىدە ئوقۇۋاتقان پەيتتە بولسۇن ، ئومۇمەن بۇلاردىن غەپلەتتە قالغان ۋاقتىڭدا بولسۇن، بۇ جايلار ۋە بۇ ھۆرلەر ئۆز خوجىسىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئەمدى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ھەتتا سەن دۇنياغا كەلمەستىن بۇرۇن ، بەلكى نەچچە مىڭ يىللار ئاۋۋال تەييارلاپ قويۇلغان. ئۇ جاي ھەقىقىي تېنىچلىق ۋە سالامەتلىك دىيارىدۇر. بۇنىڭدىن سىرىت جەننەت ئەھلى ئىنتايىن خاتىرجەم. ئۆزۈڭ ئويلاپ باق ، ئەگەر ئىنسان ئۆز ھاياتىدىن خاتىرجەم بولمىسا كۆڭلىگە ھېچقانداق مەئىشەت سىغمايدۇ. گىزى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئادەملەر : ‹ بۇ دىن بىزلەرنى ئۆز مەئىشەتلىرىمىزدىن قالدۇرىدۇ، بۇنىڭ تۇرغان پۈتكىنى قېيىنچىلىق ، بۇ سۆزلەرگە ئەمەل قىلساق لەززەتلىنەلمەيمىز…! › دېيىشىدۇ. بولمىغۇر گەپ ! ھەي نادان ! قارا ، اللە نېمىگە چاقىرىۋاتىدۇ سېنى ! قۇرئان بىزلەرنى پۈتمەس-تۈگىمەس راھەت مەنزىلى بولمىش جەننەتكە ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرى ۋە ھۆرلىرىگە ئۆيلىنىشكە چاقىرۋاتسا ، نادان كىشىلەر نېمىلەرنى ئويلاپ يۈرۈشىۋاتىدۇ ! نېمە ، مۇسۇلمانلار لەززەتلىنىشنى بىلمەمدۇ؟ ياق، بەلكى قانداق ياشاشنى پەقەت ئۇلارلا بىلىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ھاياتنىڭ تېزلا تۈگەيدىغان سىناق باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئورنىغا ھەقىقىي ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۇقىردا ئېيىتىلغان ئەبەدى بەزمىگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. دۇنيا نېئمەتلىرى بولسا ئاخىرەت باغلىرى ئالدىدا بىر «كۆرگەزمە». ‹ جەننەتتە كۆرۈش بار ، يېيىش يوق !› دېگەن سۆز يەھۇدىلاردىن قالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز كەچۈرىۋاتقان ھايات ئازاپلىرى ۋە راھەتلىرى ئاخىرەت يۇرتىنى چۈشىنىش ، پىكىر قىلىش ۋە ئويلاش ئۈچۈن بېرىلگەن دېسەك توغرىراق بولسا كېرەك. « ﺗﻪﯕﺘﯘﺵ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯗﺭ.» ( نەبە : 33 ) سۇبھانەللاھ ! قاراڭ ! ئەڭ ھايالىق ۋە ئەڭ غەيۇر زات ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تەرىپلەپ : «ﺋﯘﻻﺭ (ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ) ﭼﯧﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺳﺘﯘﺭﻩ ﮬﯜﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ.» دېمەكتە. ( رەھمان : 72 ) ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ‹ بۇ ئايەتتىكى چىدىرلاردىن كۆزدە تۇتۇلغان گۆھەر ئۆي ، تۆت فەرسەخكە تۆت فەرسەخ بولغان كاۋاك گۆھەردۇر( بىر فەرسەخ 3 كېلومېتىردىن 8 كېلومېتىرگىچە بولغان مۇساپە) . ئۇنىڭ تىللادىن بولغان تۆت مىڭچە ئىشكى بار› دېدى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : ‹ « خىيام» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ ئىچى كاۋاك دۇر دۇر› دېگەن ئىكەن. (تەپسىرى تەبەرى) بۇ تەپسىرلەردە كەلتۈرۈلگەن شەرھىلەر بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نېمىشقا يوشۇرۇلغان گۆھەرگە ئوخشايدىغانلىقىنى ياخشىراق چۈشىنىش مۇمكىن. سەن گۆھەرنىڭ قانداق يالتىرايدىغانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ كۆرگەن بولساڭ شۇ تاشلاردىن چىرايلىق نەقىشلەرنى ئويۇپ ياسالغان ئىگىز قەسىرنى تەسەۋۋۇر قىلالامسەن؟ سېنىڭ تەسەۋۋۇرىڭدىكى « قەسىر» ئۇ چىدىرنىڭ ئالدىدا ھېچ نېمە بولماي قالىدۇ. چۈنكى ئۇ بىز بىلگەن سەدەپ ئىچىدىكى گۆھەر ئەمەس! بۇ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئوخشىتىشلار خالاس جەننەت قىزلىرى ناملىق كىتابتىن ئىلىندى








ابو صيف الله تركستاني :



