585w
ئۇيغۇر مەن
(Hi No. 1391272)
# $بۇنى يازغان قىزغا ئاپىرىن ئاللاھىم بۇ قىزغا چەكسىز بەخت ئاتا قىلسۇن$ قىز-ئاياللارنى ئىشلەپ پۇل تېپىشقا سالماي، ھەقىقى ئەركەكتەك خوتۇننى ئىشلەتمەي پەرزەنت تەربىيىلەشكە سالالىغاندا؛ خوتۇن ئالغاندا شەڭكۇ بىلەن بازارغا ماڭىدىغاننى تاللىماي، ئەۋرەتلىرىنى ياپىدىغاننى تاللىغاندا؛ ھەلەپتىن باشقىنى يەپ-ئىچىپ، چېكىپ مەس بولۇپ يۈرمەي، ھالال يەپ، چەكمەي-ئىچمەي ياشىغاندا؛ بىر-بىرىنى كوملاپ، ئالداپ، گازىر چېقىپ غەيۋەت قىلىدىغان خوتۇنلادەك يۈرمەي، ئېسىل، شاش، ئوغال بالىدەك تىك تۇرغاندا؛ ئەتىدىن كەچكىچە ئۈندىداردىن، توردىن قىز ئىزدەپ ئەركەكلەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ يۈرمەي، چىدىيالمىغاندا تويۇڭنى قىلىپ، زىنادىن ساقلىنالىغان چېغىڭدا؛ شارۇلخاننىڭ ، بوينۇدىكى بۇلاپكا، ماجانلاغا كۆيۈپ يۈرمەي،ياسىرنىڭ ئوغلى ئەممار ، ئەبۇ ئۇبەيدە، ئەبۇ تەلھە، خەتتاب، مۇھەممەت تاھىر فارۇق لاردەك قەلبىدە ئىمانى بار ئوت يۈرەك ئەزىمەت ئەركەكلەرگە قىزىققان چېغىڭدا؛ تار ئىشتاننى كىيىپ قۇڭاڭنى سويمىدەك چىقىرىپ كۇچىدا ئالۋاستى كەبى كىتىپ باغان نايناقلاغا شۆلگىيىڭنى ئېقىتىپ ھىجىيىپ يۈرمەي ،ئىسىل ئەخلاقىڭ مۇسۇلمانلىق سالاپىتىڭ ، مەيدىسىدە تۈكى بار ھەقىقى ئەركەكلەرگە خاس شىر كەبى ھەيۋەڭ بىلەن ئاياللانى ئەيمەندۈرەلىگەن ، ئۈزۈڭگە بوي ئەگدۈرەلىگەن ، ئاللاھقا ۋە ساڭا ئىتائەت قىلدۇرالىغان چېغىڭدا، ناخشا ، ئۇسۇلغا ئۆزۈڭنى بېغىشلاپ يۈرمەي ، قەددىڭنى رۇسلىغان، ئۈزۈڭنى ئۈممەتنىڭ ئىززىتى ۋە غەلبىسى ئۈچۈن بېغىشلىيالىغان چېغىڭدا، ئىشقىلىپ ھەقىقىي ئوغۇل بالىدەك بولغان چېغىڭدا خەلقىڭنى نادانلىقتىن قۇتقۇزالايسەن، قىزلارنى يامان يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىيالايسەن، ئاللاھنى ۋە داداڭنى، ئاناڭنى رازى قىلالايسەن، سەن شۇنداق بىر يىگىت بولغۇنكى باشقىلار سىنى ھورمەتلەيدىغان بولسۇن. ئەنە شۇنداق بولالىساڭ ھاجەتخانىدىكى تېلفۇن نومۇرلار، ساراڭدەك ئۇسۇل ئوينايدىغان جاپىلار، مەيدىسىدىكى تۈكنى قىرىۋېتىپ يۈرەك چېكىۋالغانلا، نەدىكى پىسپاس تاينى يوق قىزلانى دەپ قولىغا تاماكا يېقىپ كۆيدۈرۋالىدىغانلا ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ھېچكىم قىزلىرىمىزنى بوزەك قىلالمايدىغان بولىدۇ........ قەدىمدىن ھازىرغىچە، ھەرقانداق مىللەت ۋە ھەر قانداق دۆلەت ئەركەكلەرنى جەڭلەردە تەرىپلەپ كەلگەن....ھېچقاچان سورۇندا پىجۇ ئىچىپ ۋىژدانىغا تەييار چۆپ چىلاپ يىگەنلەرنى تەرىپلىمىگەن..... بۇنى كۆرگۈچى سەن شۇنداق بولالامسەن؟ ئىشىنىمەن، سەن يۇقارقى گەپلەردىن بەزىلىرىنى شۇ تاپ قايتا ئوقۇپ ئويلاۋاتىسەن...... قەددىڭنى تىك تۇت...مۆرەڭنى ئىگىز كۆتەر......ئويلان سەن كىمنىڭ بەندىسى، كىمنىڭ ئۈممىتى، كىملەرنىڭ ئەۋلادلىرى ......بىر ئەر بۇلۇش سۈپىتىڭ بىلەن ۋەزىپەڭ بۇرچۇڭ نىمە؟ ئەي يىگىت سەن شۇنداق بىر ئەر بولغىنكى ، سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئۈممەت كەلگۈسىدىكى ئىززەتتىن ھۆرمەتتىن ئۈمۈدۋار بولالايدىغان بولسۇن ، سەن شۇنداق بىر ئەر بولغىنكى سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاتا ~ئاناڭ مەمنۇنلۇق بىلەن رەببىگە شۈكۈر ..سانالار ئېيتالايدىغان بولسۇن، سەن شۇنداق بىر ئەر بولغىنكى سەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن مۇسلىمە قىز ئاياللىرىمىز تەقۋالىق لىباسلىرى ھىجابلىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرەلەيدىغان بولسۇن، سەن شۇنداق بىر ئەر بولغىنكى ، سىنىڭ بولغانلىقىڭدىن ئەھلى پەرزەنىتلەر ئىلىم سورۇنلىردا بىمالال بىلىم ئالالايدىغان بولسۇن ......سەن شۇنداق بىر ئەر بولغىنكى ، مەن سىنىڭ شۇ ئىمانغا تەقۋالىققا ۋىژدان ..غورۇرغا مىھرىبانلىققا تولغان قەلبىڭگە ئاشىق بولاي .....