585w
ممنون
(Hi No. 1411781)
.اللە يولىدىكى قېرىنداشلىق دىگەن قانداق بۇلىدۇ؟؟؟ اللە يولىدىكى قېرىنداشلىق دىگەن: بىر ـ بىرىنى ياخشىلىققا بويرۇپ يامانلىقتىن توسۇش، ئېزىپ قالسا ئىمانغا دەۋەت قىلىش، گۇناھ ئۆتكۈزسە ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، سىناق كەلسە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىش، قىيىنچىلىقتا قالسا ياردەم بېرىش دىمەكتۇر. اللە يولىدىكى قېرىنداشلىق دىگەن قارشى تەرەپ توغرىسىدا يامان گەپ ئاڭلىسا، ئەگەر راس بولسا قېرىندىشىغا نەسىھەت قىلىش، يالغان بولسا پىتنە قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. اللە يولىدىكى قېرىنداشلىق قېرىندىشىغا ئىشىنىشتۇر.ئۇنى چۈشىنىشتۇر. اللە بىزلەرنى بۇ قېرىنداشلىقنى ئادا قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن ۋە قىيامەت كۈنى بىزلەرنى بىر ـ بىرىمىزگە شاپائەت قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن. امېن!
1 like