581w
مۇھسىن
(Hi No. 1373973)
ئەزاننى ئەرەپچە توۋلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن باش مىنىستىر دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئەدنان مەندەرىس. 1950- يىلى تۈركىيە مىنىستىر سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغان . بۇ كىش ئۆزىنى ئاللاھقا بېغىشلىغان بولۇپ مۇستاپا كامال مۇزىيخانا ۋە ئىسكىلاتلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەن مەسچىتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يەنە 10 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت سالدۇرغان ،ۋەزخان ۋە خاتىپلارنى تەربىيلەيدىغان ۋە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار قۇرئان يادلايدىغان 22 مەدرىس سالدۇرغان .تۈركلەرنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويغان بولۇپ ئۆزىمۇ ھەج قىلىپ تۈركىيە جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ھەج قىلغان باش مىنىستىر بولغان. ئىسلام دىنىنى ۋە ئەرەپ تىلى ئۆگىنىشنى يولغا قويۇپ چەكتىن ئاشقان ئاياللار كىيىمىنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىنى چەكلىگەن . 1960- يىلى ھەربى گېنىرال ، مۇستاپا كامالنىڭ ئىتى جامال جورسىل ھەربى ئۆزگىرىش قوزغاپ ئەدنان مەندەرىس قاتارلىق ئۈچ كىشىنى مۇستاپا كامالغا ئاسىيلىق قىلغان ، كامالىزىمغا قارشى چىققان، ئوسمان ئېمپىرىيسىنىڭ ئاخىرقى سۇلتانىنىڭ فىرانسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان ئايالى ۋە قىزىغا غەمخورلۇق قىلغان دېگەن جىنايەتلەرنى ئارتىپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرگەن .جۇمھۇرىيەت رەئىسنى بولسا مۇددەتسىىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان . جامال جورسىل يەنە ئاخبارات،ھەربى ،ساقچى ، سوت ئورگانلىرنى ئىشقا سېلىپ باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن .10مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىنغان، نۇرغۇن كىشى ئىشسىز قالغان . ئەدنان مەندەرىسنىڭ دارغا ئېسىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى شۇ ئىدىكى ئۇ دۆلەتنى ئىسلامغا يېقىنلاشتۇرغان ۋە ئىسرائىليە بىلەن مۇناسىۋەتنى تەدرىجى سوۋۇتقان . ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن