582w
sukut0997
(Hi No. 1375224)
ئېيتىشلارغا قارىغاندا قانخور شىڭشىسەينىڭ قىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئايلىنىۋېتىپ بىر توپنىڭ بىر ئادەمنى ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى سۈرۈشتە قىپتۇ. بىلىپتۇكى، ئۇ كىشى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى ئىكەن. قىز ئۇ داموللام ئوغلىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ سوراپتۇ :- سىلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمان ئەمەسمۇ ؟ ئوغۇل: شۇنداق. قىز:- سىلەر ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۆز ياردىمى بىلەن نۇسرەتكە ئىگە قىلىدۇ دەپ دەۋا قىلمامسىلەر؟ ئوغۇل: شۇنداق. قىز:- ئاللاھ سىلەرگە قارشى بىزگە نۇسرەت بەرمىدىمۇ؟ ئوغۇل: شۇنداق. قىز:- بۇ ئاللاھنىڭ بىزنى سىلەردىن بەكراق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەمدۇ ؟ ئوغۇل : ياق. قىز:- نىمىشقا ؟ ئوغۇل: قوي باقىدىغان پادىچىنى بىلىسىزغۇ ؟ - بىلىمەن. ئوغۇل : ئۇنىڭ پادىسى بىلەن ئىتلىرى بىللە بولىدىغۇ؟ قىز:- شۇنداق. ئوغۇل : پادىچىنىڭ بەزى قويلىرى پادىدىن ئايرىلىپ كەتسە قانداق قىلىدۇ ؟ - پادىچى ئىتلىرىنى ئەۋەتىپ قويلىرىنى ياندۇرۇپ كىلىدۇ. ئوغۇل : ئىتلىرى ئۇ قويلارنى قاچانغىچە قوغلايدۇ ؟ - توپقا قايتقانغا قەدەر. ئوغۇل: بىلىڭكى سىز خەنزۇلار ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئىتلىرى. بىز ئاللاھنىڭ يولىغا ۋە تائىتىگە قايتقانغا قەدەر سىزلەر بىزنىڭ ئۈستىمىزدە غالىپسىزلەر .