583w
sukut0997
(Hi No. 1375224)
پەلسەپەۋىي ھېكمەتلەر باغچىسى⭕ياش جەھەتتىن چوڭ بولماق مەجبۇرى مەسىلىىدۇر, ئەمما ئەقلى جەھەتتىن چوڭ بولماق ئىختىيارى مەسىلىدۇر .
⭕ ئانا بالىلىرىغا دۇئا قىلىش بىلەن ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۈمكىن بولغان بىردىنبىر ئىنساندۇر .
⭕ سامسىنىڭ خۇشپۇراق ھىدى تونۇرنىڭ يالقۇنى تەگمىگىچە چىقمىغىنى كەبى بىزنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىمىزمۇ تەجرىبىنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ كۆرمىگۈچە پىشىپ يىتىلمەيدۇ .
⭕ ئاسمان كۆك دېڭىزغا شۇنچە كۆپ سۇ تۆككەن بولۇشىغا قارىماي دېڭىز يەنىلا شۇ تۇزلۇق ھالەتتە تۇرىۋىرىدۇ ، شۇڭلاشقا ئۆزۈڭنى ئۇپىراتما بەزىلەر سەن قانچە تىرىشقان بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ئۆزگەرمەيدۇ .
⭕ بەزىلەر يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكى بىلەن سىزنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرسا يەنە بەزىلەر يېشنىڭ شۇنچە چوڭ بولۇشىغا قارىماي سىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشىپ ئەقلىنىڭ كىچىكلىكى بىلەن سىزنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ .
⭕ ئادەم ئۇخلىغىنىدا ئۇ ئۆزىنى خوتۇن - باللىرى ئويغىتامدۇ ياكى ئۆلۈم پەرىشتىسى سوئال - سوراق ئۈچۈن ئويغىتامدۇ, كىمىنىڭ ئويغىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئىى ئاللاھ ئاقىۋىتىمىزنى ياخشى قىلىپ يامان ئۆلۈمدە ئۆلۈشتىن ساقلىغايسەن .
⭕ ئەقىل تەسىرگە ئۇچرايدۇ ۋە بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا پىشىپ يېتىلگەن ئىجابىي ئۈمىدۋار كۈچلۈك ئىگىللىرى بىلەن ئارلىشىشقا ئەھمىيەت بەرگىن .
⭕ ئۇنى ئانىسى « بالام » دەپ چاقرىۋىدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا « خوش » دەپ جاۋاپ بىرىپ ئارقىدىن ئولتۇرۇپ ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەشكە باشلىدى چۈنكى ئاۋازى ئانىسىنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئارقىدىن بازارغا بېرىپ ئىككى قۇل سېتىۋېلىپ تۆۋبەم بولسۇن دەپ ئازات قىلىۋەتتى . بۇ كىشىلەر بىلەن بىزلەرنىڭ ئارىمىزدىكى پەرىق نەقەدەر زور ھە ؟!...
⭕ بىراۋنىڭ ئىبادەتكە باش چۆككەنلىكىنى كۆرگىنىڭىزدە ئۇنى قاتتىقلىق قىلىۋاتىدۇ دېمەستىن بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەتنى بىلىپتۇ دەڭ .......
⭕ نوھ ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ قالدى ئۇ ئايال : ۋاي ياش كەتكەن بالام ، تېخى 300 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدىڭ دەپ يىغلاپ تۇرغان ئىدى . نۆھ ئەلەيھىسسالام : كېيىن بىر ئۈممەت بولىدۇ يېشى 70 ياش دىۋىدى ئۇ ئايال : ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ بىرسى بولغان بولسام 70 يىلنى سەجدە بىلەن ئۆتكۈزگەن بولاتتىم دېدى ، ئويلاپ باقايلى .....
⭕ ئادەم بەزىدە سۆز قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىشى مۈمكىن لېكىن ئۇ سۈكۈت قىلغىنىغا ئەسلا پۇشايمان قىلمايدۇ .....