Avatar
611w
أنصارالله  (Hi No. 1409415)
قىزلىرىم ئويغاق ئويلىما ھەرگىز پاكلىق تۈگىدى دەپ، جاھاننى تاڭ قويغان قىزلىرىم ئويغاق. كۆرگىنىڭ پەقەت بىر ئاداشقان چىراي، ئەخلاقتا ئاجايىپ قىزلىرىم ئويغاق. جۆيلىمە قىزلارنى پەسلىك ئالدى دەپ، كۆرۈپلا بىرىنى ئىپپەت ساتتى دەپ. بولدى بەز توختىغىن كۇپۇرلىق قىلما، نومۇس دەپ جان بىرەر قىزلىرىم ئويغاق. يىغلىسا ئاجىزكەن بىچارە دىمە، تۇرمۇشتا ئەر كەتسە ئۆتەلمەس دىمە، كۆزۈڭنى يوغان ئاچ سەندىنمۇ كۈچلۈك، قارا،ئاتا كەبى قىزلىرىم ئويغاق. ئۇلارسىز گۈزەللىك تاپالماس بەندە، ئۇلارسىز كۆكلىمەس مىللەت ئەلۋەتتە. ئانا!دە، بۇلارنى ئوشۇقلىق قىلماس، بۇ دۇنيا ئانىسى قىزلىرىم ئويغاق.
Tweet
1 like
Like
Like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms