587w
1
(Hi No. 1407193)
كىچىك بىر بالىنىڭ دۇئاسى بىر كىچىك بالا دېڭىز بويىدا كۆزلىرىنى دېڭىزدىن ئۈزمىگەن ھالدا ئولتۇراتتى،بەلكىم سائەتلەرچە ئولتۇرغاندۇ شۇ يەردە،ئۇنىڭ بۇ ھالى بېلىق تۇتۇپ قايتقان كېمىنىڭ ئالدىغا چىققان بىر بوۋاينىڭ دىققىتىنى تارتتى.
بوۋاي ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى: -ياخشىمۇسەن يىگىت،بۈگۈن دېڭىز بەك چىرايلىقكەن ھە؟ كىچىك بالا قايرىلىپ قاراپمۇ قويماستىن جاۋاب بەردى:
-ھەئە ئەمما شاماللىق،پۇتبۇل توپۇم دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىۋىدى شامال ئۇچۇرتۇپ يىراققا ئېلىپ كەتتى.
بوۋاي،بالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ:
-كاشكى ،ياش ۋاقتىم بولسائىدى،سۇغا چۈشۈپ ،ئۈزۈپ ئېلىپ چىقىپ بەرگەن بولاتتىم،ئەپسۇس ھازىر قېرىپ قالدىم،قەدەملىرىمنىمۇ يۆتكىيەلمەيمەن.
بالا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى،ۋە قىرغاقتىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن توپىسىنى كۆرەلەيدىغاندەك قوزغىلىپ يېنىدىكى تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى.
بوۋاي ئۆزىنى توختاتقان ھالدا :
-كۆڭلۈڭنى يېرىم قالما،ئۈمىدىڭنى ھەرگىز يوقاتما،مېنىڭچە دۇئا قىلساڭ ياخشى بولاتتى.بالا ھاياجانلانغان ھالدا دۇئا قىلسام توپۇم قايتىپ كېلەمدۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ چۈشۈپ كەتكەن جايىنى تپىپ كېلەلەرمۇ؟
-ئاللاھ خالىسا توپۇڭغا دەپ بېرىدۇ،ئۇ قايتىپ كېلىدۇ،ئەگەر قايتىپ كەلمىسىمۇ كېرەك يوق،دۇئالىرىڭنىڭ ساۋابىنى ئالىسەن. بالا،بوۋاينىڭ گەپلىرىنى بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن،بوۋىسىدىن ئاڭلاپ ئۆگىنىۋالغان دۇئالارنى يېرىم-يارتا پىچىرلىدى،ھەم ئاللاھتىن توپىسىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.ئەمما ئۇنىڭ چىھرىدىن يەنىلا قايغۇ-ھەسرەت تەپچىپ تۇراتتى،ئۇ ئاشۇ توپ ئۈچۈن ھېيت بايراملىق ھەممە پۇللىرىنى خەجلەپ بەكمۇ قىممەت سېتىۋالغانىدى،ئۇ ئۆيگە كېتىشنى خالىمايتى،كۆزلىرىنى يەنىلا دېڭىزدىن ئۈزمەيتى. ھېلىقى بوۋاي ئۇنى يىتىلەپ دائىم بېلىق سېتىۋالىدىغان ھېلىقى بېلىقچىنىڭ ئالدىغا باردى ۋە:.
-بۈگۈن خېلى جىق بىلىق تۇتالىدىڭىزمۇ،ئەگەر بار بولسا مەن جىقراق سېتىۋالاي دېگەن بېلىقچى بىر ئىككى كېلو بېلقنى كۆرسىتىپ: -بەك ئاز تۇتتۇم،بار بېلىقنىڭ ھەممىسى شۇ،دېڭىزدا تۇتقىدەك تۈزۈك بىرنەرسىمۇ قالمىدى
-دۇئا قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ،ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز يوقاتماڭ،دەپ گەپ قوشتى بالا.
بېلىقچى ھەممىنى پەقەت تاساددبىيلىق،دەپلا قاراپ كەلگەنىكەن ھەر ئىشتا،بالىنىڭ شۇ گېپىدىن كېيىن ئۇنتۇپ قالغىلى ئۇزۇن بولغان
بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك بالىنىڭ ئىڭەكلىرىدىن ئەركىلىتىپ تۇرۇپ:
-دۇئا ھە دۇئا،دېگىنە قېنى دۇئا قىلسام تۇتالامدىم؟
-تۇتالمىسىڭىزمۇ ھىچگەپ ئەمەس،دۇئالىرىڭىزنىڭ ساۋابى سىزگە يېتەر،بۇنى مەنمۇ يېڭىلا ئۆگەندىم دېدى بېلىقچى بېشىنى لىڭشىتتى.
-مەنمۇ يېڭىلا ئۆگەندىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بىر مۇئەللىمدىن ئۆگەندىم بالا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدى،توپىسىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنىمۇ كۆڭلىدىن چىقىرۋەتتى،ئۇنىڭ يېنىدىكى بوۋاي بالىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ كۆزلىرىنى قىسىپ قويدى.شۇ ئەسنادا بېلىقچى كىمىسىگە چىقىپ كونا تورنى ئاچتى،ئىچىدە بىر توپ تۇراتتى. توپ تېخى ھۆل بولغاچ پار-پۇر پارقىراپ كەتتى،بېلىقچى توپنى بالىغا تەڭلەپ :
-مۇئەللىمنىڭ ماڭا بەرگەن بىلىمىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،بۇ توپ ساڭا ھەدىيە! بايا دېڭىزدىن تېپىۋالدىم دېدى. بالا ئۆزىنى خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى،بولىۋاتقان ئىشلارغا ھىچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتى،ئۇ ئوڭ سولغا قاراپ باقتى،قولىنى چىمداپ باقتى،ھەممىسى ئەمىلىيەت ئىدى،بوۋاي ۋە بېلىقچى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. بالا توپىسىنى مەيدىسىگە يېقىپ :
-ئەمدى ئىككىنچىلەپ مەندىن رۇخسەتسىز دېڭىز ساياھىتىگە چىقما!دۇئا قىلمىغان بولسام ھالىڭ نە بولاردى ھە،نەلەردە يۈرەر بولغىيتىڭ؟ دېدى...سىلەرمۇ بېشىڭلارغا كۈن كەلگەندە دۇئا قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟دۇئالىرىڭىز بەلكىم شۇھامان ئىجابەت بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن،ئەمما شۇ دۇئالىرىڭىزنىڭ ساۋابىنى كۆرىسىلەر،مەنمۇ بۇنى يېڭى ھېس قىلدىم،دۇئا بىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك خەزىنىدۇر،تۈگەپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلماستىن دۇئا قىلىۋىرىڭ،ئۇ ھەقىقەتەن بەدەلسىز،شەرتسىز ھالدا سىزگە بېرىلىدىغان خەزىنىدۇر.
9 Comments
طاهر :1407193575w
[26-11-2013 PM 1:54] (كوپ ئاياللىق بولوش زۇلۇم دەپ قارىغانلار ئوقۇڭە مانى)
كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇئا - دۇرۇد ۋە سالاملار رەسۇلۇللاھقا بولسۇن. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: <<...ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئېلىڭلار. ئەگەر(ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر ئايال... بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ.بىر ئايال بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم ... قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر(نىسا سۈرىسىدىن)>> (دىققەت: ئەسلى ئايەت ئەرەبچىسىدە: <<ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ>>، ئەمەس، <<ئېلىڭلار>>، دەپ بار) بەزى ئاياللار ياۋروپا - غەربتىكى، ئومۇمەن ئىسلامى ئەمەس شەھەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائى ئادەتلىرىنى ئارتۇق بىلىپ: كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ چەكلىنىشى شەرىئەت ھۆكۈمىدىكى كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشاش، دېيىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىسلامغا چاپلىغان كۆپ ئاياللىق بولۇش مۇباھ دېگەن تۆھمىتىگە ئىسلامنىڭ قانداق ھۆكۈمى بار؟ بۇ سوئالغا سەئۇدى مۇفتىسى سۈننەتچى ئالىم بىن باز مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: كىمىكى كۆپ ئاياللىق بولۇشنى يامان كۆرۈپ كۆپ ئاياللىق بولغاندىن بىر ئاياللىق بولۇش ئەۋزەل دەپ بىلسە، ئۇ ئادەم دىنسىز، ئىسلامدىن يېنىۋالغان مۇرتەدتۇر.چۈنكى ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يامان كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ.قۇرئاندىكى<<ئۇلارئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتنى يامان كۆرۈش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋەتتى(سۈرە مۇھەممەدتىن)>>گە ئاساسەن،كىمىكى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھىنى يامان كۆرىدىكەن، قىلغان ئەمىلى بىكار بوپكېتىدۇ.ئۇ ئادەمنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇشنى يامان كۆرۈشى شەرىئەت زۇلۇم قىلدى ياكى ئاللاھنىڭ مۇشۇ ھۆكمىدە چالىلىق - كەمتۈكلۈك بار،دەپ چۈشەنگەنلىكىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ بىر ئاياللىق بولۇش ياخشى ياكى ناسارالارنىڭ بىر ئاياللىق بولۇش ئادىتى ئەۋزەل، دەپ بىلىشى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدۇر. بۇ خۇددى نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى توغرا ئەمەس. شۇڭا،ناماز ئوقۇمىغان ياخشى، دېگىنىدەك،ياكى روزا تۇتمىغان ياخشى، زاكات بەرمىگەن ياخشى دېگەن سۆزى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،بۇنداق دېگۈچى دىنسىزدۇر.كىمىكى ناماز ئوقۇمىغان،روزا تۇتمىغان،زاكات بەرمىگەن،ھەج قىلمىغان ئەۋزەل دېسە، دىنسىز بوپكېتىدۇ...ئەگەر كۆپ ئاياللىق كىشىلەرنى ھەرخىل يوللار بىلەن مەسخىرە قىلسا مۇنۇ ئايەت ھۆكمىدە:<<سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ دېگىن. سىلەر(يالغان قەسەم قىلىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار.سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن(مەسخىرە قىلىش بىلەن) كافىر بولدۇڭلار...(تەۋبە سۈرىسىدىن)>> خۇلاسە:كىمىكى ئاللاھ نازىل قىلغان شەرىئەتنى يامان كۆرسە مۇرتەد بوپكېتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ھارام قىلغان زىنا، ئوغرىلىق قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرۈپ ياخشى، دېسە دىنسىز بوپكېتىدۇ. ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي(بىن باز پەتىۋالىرىدىن). ھەدىسشۇناس ئەھمەد شاكىر شۇنداق دېگەن:كىشىلەر ھەرخىل يوللار بىلەن ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ئوينىشىپ:كۆپ ئاياللىىق بولۇش ئادىللىق شەرتى يەنى<< ئەگەر(ئاياللارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر ئايال... بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ>> دېگەن ئايەت بىلەن يولغا قويۇلغان. ئاللاھ ئىنساننىڭ ئادىل بولالمايدىغانلىقىنى قۇرئاندا خەۋەر قىلىپ بولغان. شۇڭا، كۆپ ئاياللىق بولۇش ھارام، دېيىشىپ سۆزلىرىگە سۈرە نىسادىكى تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ باش قىسمى<<قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللار ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا قادىر بولالمايسىلەر>> نىلا ئوقۇپ، ئاخىرىنى يەنى<<شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار>>، دېگەن ئايەتنى يۇشۇرۇشۇپ، يەھۇدى، ناسارالارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە تانغىنىدەك بولىشىدۇ(مەجلىس ئەلۇكەدىن) ئۇنداقتا ئادىللىق شەرتى نېمە؟ بەزىلەر بۇنى ئىككى تەرەپتىن ئىزدىشى مۇمكىن. 1. جىنسى تۇرمۇش. يەنى كۆپ ئاياللىق بولۇش ئۈچۈن جىنسى مۇناسىۋەتتە ئادىل بولغىلى بولمايدۇ،دېيىش توغرا ئەمەس. سەۋەبى: بىر ئەر بىر ئاياللىق بولغاندىمۇ داۋاملىق جىنسى مۇناسىۋەتتە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئەقىدىلىك، قانائەتچان ئائىلە ئۈچۈن بىرگە يەتكىنى كۆپكىمۇ يېتىدۇ. شۇڭا، بۇنى باھانە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولغانلىقى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر يېتەرلىك. 2 . ئىقتىساد كۆپ بولۇش كېرەك، دېگەن خاتا قاراش. بۇنىڭغىمۇ يەنىلا ئەقىدىلىك، تېجەشلىك ئائىلە بولسا كۆپ ئىقتىساد لازىم بولمايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە قاراپ بېقىڭ:1) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ:رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كېلىپ ۋاپات بولغۇچە، رەسۇلۇللاھ ئائىلىسى ئارقىمۇئارقا ئۈچ كېچە بۇغداي تامىقى يېيەلمىگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان.2) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ:رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا،گۈرەكەش يەھۇدىدىن قەرز ئالغان 78 كىلو ئەتىراپىدا ئارپا ئۈچۈن گۈرە قويۇلغان تۆمۈر كىيىمنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان. بۇ ھەدىسنى بۇخارى قاتارلىقلار توپلىغان.3) ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئاچلىقتىن قۇرسىقىغا تاش تېڭىۋالغان.بۇ ھەدىس ئالبانى سەھىھ ھەدىس توپلىمىنىڭ 1615 - نومۇرلۇقىدىن ئېلىندى. 4) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: ساھابىلەر: رەسۇلۇللاھ قۇرسىقىغا تاش تېڭىۋالغان، دېيىشتى. مەن: نېمىشقا؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: ئاچلىقتىن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم توپلىغان.5) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرسىقى تويغۇدەك تاماق بولمىغاچقا، ئاچلىقتىن تولغىنىپ كەتكەن. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم توپلىغان. ئالبانى سەھىھ ھەدىس توپلىمىنىڭ 2106 - نومۇرلۇقىدا خاتىرىلەنگەن.6) ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سىرتقا چىقسا ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇلار تۇرغۇدەك. رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن: سىلەرنى ئۆيۈڭلاردىن نېمە سىرتقا چىقاردى؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: قۇرساق ئاچلىقى، دېيىشتى. رەسۇلۇللا: ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىمۇ قۇرساق ئاچلىقى ئۆيدىن چىقاردى، دەپ بولۇپ: يۈرۈڭلار، دېدى ۋە بىر ئەنسارى ئۆيىگە كەلدى. ئۇ ئەنسارى ئۆيدە يو بولۇپ، ئايالى ئۇلارنى كۆرۈپ: خۇش كەپسىلەر، ئۆيگە كىرىڭلار، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئەنسارى قېنى؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئايال: بىزگە تاتلىق سۇ ئالغىلى قۇدۇققا كەتتى، دەپ جاۋاب بەردى. دەل شۇ چاغدا ئۇ ئەنسارى يېتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھ ۋە ھەمراھلىرىغا قاراپ: ئەلھەمھۇلىللاھ! بۈگۈن مەندىنمۇ ھۆرمەتلىك مېھمىنى بار كىشى يوق،دەپ بولۇپ، ئۇلارغا بىر ساپاق ھۆل خورما،خورما غۇرىسى ۋە قۇرۇق خورما ئەكەلدى. ئاندىن: بۇلاردىن يېگەچ تۇرۇڭلار،دەپ قولىغا پىچاق ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: قوزىسى بار قوينى ئۆلتۈرمىگىن،دېدى. ئەنسارى قوينى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى پىشۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇلار گۆش ۋە خورمىلارنى يەپ تويۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرگە: ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەتتە مۇشۇ نېئمەتتىن سوئال قىلىنىسىلەر. سىلەرنى ئۆيۈڭلاردىن قۇرساق ئاچلىقى چىقاردى،بۇ نېئمەتلەرنى يېمەي قايتمىدىڭلار، دېدى. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم توپلىغان. ئۇيغۇرچە مىشكات 4246 - نومۇرلۇق ھەدىس خوش، بۇلارغا قارىغاندا ئىقتىسادىڭىز ئازمىكەن ياكى كۆپمۇ؟ 78 كىلو ئارپىغا پۇلىڭىز يېتىشىدىغاندۇ؟ دېمەك، ئاشۇ رەسۇلۇللاھ ۋە مەشھۇر ساھابىلەرمۇ كۆپ ئاياللىق بولغان. شۇڭا، ئادىل بولالماسلىققا ئىقتىسادنىڭ ئازلىقى ئاساسى سەۋەب بولالمايدۇ. ئۇنداقتا ئادىللىق شەرتى نېمە؟ قۇرئان كەرىمدىكى بىرلا شەرت: ئۇ بولسىمۇ، مەلۇم ئايالىنى ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس تاشلاپ قويماسلىق. قايتا توي قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كۆپىنچە ئەرلەرگە كەتمىسىمۇ، ئايالىغا تەگكەن، ياكى دەسلەپكى ئايالىنىڭ ئاچچىقى كەپقالسا ئەر ئۇنىڭغا ئارا تۇرالمايدىغان ،كېيىنكى ئايالىنى قوغلاپ يۈرۈپ تالاق قىلىۋېتىدىغان ئەھۋالدىكى ئەرلەر چوقۇم دەسلەپكى ئايالىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك. بولمىسا بىر ئوبدان ئايالنىڭ كۆچىغا تاشلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،قايتا توي قىلغانلار كېيىنكى ئايالىنى دەسلەپكى ئايالى بىلەن تۇرمۇش، پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىقلاردا ئوخشاش كۆرۈش كېرەك. يەنى مىليونلاپ پۇلى، نەچچە يۈرۈش ئۆيى بار بولسىمۇ، توي قىلغاندا سۈننەت بويىچە قىلدۇق، دەپ، توي قىلىپ بولۇپ كېيىنكى ئايالىغا سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئەپ بېرىپ قوشۇمچە ئايال قاتارىدا كۆرۈشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. بولمىسا مۇنۇ ھەدىس مەزمۇنىغا چۈشۈپ قالىدۇ: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: ئىككى ئايالى بار ئەر ئۇلار ئارىسىدا ئادىل بولمىسا قىيامەتتە يېرىمى يوق قوپىدۇ(تىرمىزى، ھاكىم توپلىغان سەھىھ ھەدىس). ئۇندىن باشقا،دەسلەپكى ئايالنىڭ مىراس ياكى سوۋغات قاتارلىق ئايرىم مۈلكىدىن باشقا، ئەرنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى بارلىق مۈلۈكلەر كېيىنكى ئايالغىمۇ ئورتاق بولۇشى، ئەر ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، كېيىنكى ئايال ۋە بالىسىغىمۇ دەسلەپكى ئايال ۋە بالىسىغا ئوخشاش مىراس بېرىلىشى كېرەك.تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، دەسلەپكى ياكى كېيىنكى نىكاھ ئۈچۈن ئالماقچى بولغان ئايال قىز ياكى جۇۋان ۋە ياكى قېرى بولسىمۇ ئوخشاشلا ئايال ئائىلىسىنىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان ۋەلى يەنى دادىسى، ئاكا - ئۇكىسى، تاغىسى قاتارلىقلارنىڭ رۇخسىتى بولۇشى ۋە ئىككى ئادىل گۇۋاھچى بولۇشى كېرەك. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: قانداقلىكى ئايال ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇنىڭ نىكاھى باتىل، باتىل، باتىل، دېگەن.بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، ھاكىم، بەيھەقىلار توپلىغان سەھىھ ھەدىسئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر, See More
583wكۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇئا - دۇرۇد ۋە سالاملار رەسۇلۇللاھقا بولسۇن. ئاللاھ مۇنداق دېگەن: <<...ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئېلىڭلار. ئەگەر(ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر ئايال... بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ.بىر ئايال بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم ... قىلماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر(نىسا سۈرىسىدىن)>> (دىققەت: ئەسلى ئايەت ئەرەبچىسىدە: <<ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ>>، ئەمەس، <<ئېلىڭلار>>، دەپ بار) بەزى ئاياللار ياۋروپا - غەربتىكى، ئومۇمەن ئىسلامى ئەمەس شەھەرلەردىكى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائى ئادەتلىرىنى ئارتۇق بىلىپ: كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ چەكلىنىشى شەرىئەت ھۆكۈمىدىكى كۆپ ئاياللىق بولۇشنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكى بىلەن ئوخشاش، دېيىشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىسلامغا چاپلىغان كۆپ ئاياللىق بولۇش مۇباھ دېگەن تۆھمىتىگە ئىسلامنىڭ قانداق ھۆكۈمى بار؟ بۇ سوئالغا سەئۇدى مۇفتىسى سۈننەتچى ئالىم بىن باز مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: كىمىكى كۆپ ئاياللىق بولۇشنى يامان كۆرۈپ كۆپ ئاياللىق بولغاندىن بىر ئاياللىق بولۇش ئەۋزەل دەپ بىلسە، ئۇ ئادەم دىنسىز، ئىسلامدىن يېنىۋالغان مۇرتەدتۇر.چۈنكى ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يامان كۆرگەن ھېسابلىنىدۇ.قۇرئاندىكى<<ئۇلارئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتنى يامان كۆرۈش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى يوق قىلىۋەتتى(سۈرە مۇھەممەدتىن)>>گە ئاساسەن،كىمىكى ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھىنى يامان كۆرىدىكەن، قىلغان ئەمىلى بىكار بوپكېتىدۇ.ئۇ ئادەمنىڭ كۆپ ئاياللىق بولۇشنى يامان كۆرۈشى شەرىئەت زۇلۇم قىلدى ياكى ئاللاھنىڭ مۇشۇ ھۆكمىدە چالىلىق - كەمتۈكلۈك بار،دەپ چۈشەنگەنلىكىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ بىر ئاياللىق بولۇش ياخشى ياكى ناسارالارنىڭ بىر ئاياللىق بولۇش ئادىتى ئەۋزەل، دەپ بىلىشى ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەنلىكىدۇر. بۇ خۇددى نامازنىڭ پەرز قىلىنىشى توغرا ئەمەس. شۇڭا،ناماز ئوقۇمىغان ياخشى، دېگىنىدەك،ياكى روزا تۇتمىغان ياخشى، زاكات بەرمىگەن ياخشى دېگەن سۆزى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،بۇنداق دېگۈچى دىنسىزدۇر.كىمىكى ناماز ئوقۇمىغان،روزا تۇتمىغان،زاكات بەرمىگەن،ھەج قىلمىغان ئەۋزەل دېسە، دىنسىز بوپكېتىدۇ...ئەگەر كۆپ ئاياللىق كىشىلەرنى ھەرخىل يوللار بىلەن مەسخىرە قىلسا مۇنۇ ئايەت ھۆكمىدە:<<سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟ دېگىن. سىلەر(يالغان قەسەم قىلىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار.سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن(مەسخىرە قىلىش بىلەن) كافىر بولدۇڭلار...(تەۋبە سۈرىسىدىن)>> خۇلاسە:كىمىكى ئاللاھ نازىل قىلغان شەرىئەتنى يامان كۆرسە مۇرتەد بوپكېتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ھارام قىلغان زىنا، ئوغرىلىق قاتارلىقلارنى ياخشى كۆرۈپ ياخشى، دېسە دىنسىز بوپكېتىدۇ. ئاللاھ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەي(بىن باز پەتىۋالىرىدىن). ھەدىسشۇناس ئەھمەد شاكىر شۇنداق دېگەن:كىشىلەر ھەرخىل يوللار بىلەن ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ئوينىشىپ:كۆپ ئاياللىىق بولۇش ئادىللىق شەرتى يەنى<< ئەگەر(ئاياللارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىر ئايال... بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ>> دېگەن ئايەت بىلەن يولغا قويۇلغان. ئاللاھ ئىنساننىڭ ئادىل بولالمايدىغانلىقىنى قۇرئاندا خەۋەر قىلىپ بولغان. شۇڭا، كۆپ ئاياللىق بولۇش ھارام، دېيىشىپ سۆزلىرىگە سۈرە نىسادىكى تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ باش قىسمى<<قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللار ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا قادىر بولالمايسىلەر>> نىلا ئوقۇپ، ئاخىرىنى يەنى<<شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار>>، دېگەن ئايەتنى يۇشۇرۇشۇپ، يەھۇدى، ناسارالارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە تانغىنىدەك بولىشىدۇ(مەجلىس ئەلۇكەدىن) ئۇنداقتا ئادىللىق شەرتى نېمە؟ بەزىلەر بۇنى ئىككى تەرەپتىن ئىزدىشى مۇمكىن. 1. جىنسى تۇرمۇش. يەنى كۆپ ئاياللىق بولۇش ئۈچۈن جىنسى مۇناسىۋەتتە ئادىل بولغىلى بولمايدۇ،دېيىش توغرا ئەمەس. سەۋەبى: بىر ئەر بىر ئاياللىق بولغاندىمۇ داۋاملىق جىنسى مۇناسىۋەتتە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئەقىدىلىك، قانائەتچان ئائىلە ئۈچۈن بىرگە يەتكىنى كۆپكىمۇ يېتىدۇ. شۇڭا، بۇنى باھانە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ كۆپ ئاياللىق بولغانلىقى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر يېتەرلىك. 2 . ئىقتىساد كۆپ بولۇش كېرەك، دېگەن خاتا قاراش. بۇنىڭغىمۇ يەنىلا ئەقىدىلىك، تېجەشلىك ئائىلە بولسا كۆپ ئىقتىساد لازىم بولمايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەدىسلەرگە قاراپ بېقىڭ:1) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ:رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە كېلىپ ۋاپات بولغۇچە، رەسۇلۇللاھ ئائىلىسى ئارقىمۇئارقا ئۈچ كېچە بۇغداي تامىقى يېيەلمىگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان.2) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ:رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا،گۈرەكەش يەھۇدىدىن قەرز ئالغان 78 كىلو ئەتىراپىدا ئارپا ئۈچۈن گۈرە قويۇلغان تۆمۈر كىيىمنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان. بۇ ھەدىسنى بۇخارى قاتارلىقلار توپلىغان.3) ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئاچلىقتىن قۇرسىقىغا تاش تېڭىۋالغان.بۇ ھەدىس ئالبانى سەھىھ ھەدىس توپلىمىنىڭ 1615 - نومۇرلۇقىدىن ئېلىندى. 4) ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: ساھابىلەر: رەسۇلۇللاھ قۇرسىقىغا تاش تېڭىۋالغان، دېيىشتى. مەن: نېمىشقا؟ دەپ سورىسام، ئۇلار: ئاچلىقتىن، دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم توپلىغان.5) ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرسىقى تويغۇدەك تاماق بولمىغاچقا، ئاچلىقتىن تولغىنىپ كەتكەن. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم توپلىغان. ئالبانى سەھىھ ھەدىس توپلىمىنىڭ 2106 - نومۇرلۇقىدا خاتىرىلەنگەن.6) ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سىرتقا چىقسا ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇلار تۇرغۇدەك. رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن: سىلەرنى ئۆيۈڭلاردىن نېمە سىرتقا چىقاردى؟ دەپ سورىدى. ئۇلار: قۇرساق ئاچلىقى، دېيىشتى. رەسۇلۇللا: ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىمۇ قۇرساق ئاچلىقى ئۆيدىن چىقاردى، دەپ بولۇپ: يۈرۈڭلار، دېدى ۋە بىر ئەنسارى ئۆيىگە كەلدى. ئۇ ئەنسارى ئۆيدە يو بولۇپ، ئايالى ئۇلارنى كۆرۈپ: خۇش كەپسىلەر، ئۆيگە كىرىڭلار، دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئەنسارى قېنى؟ دەپ سورىدى. ئۇ ئايال: بىزگە تاتلىق سۇ ئالغىلى قۇدۇققا كەتتى، دەپ جاۋاب بەردى. دەل شۇ چاغدا ئۇ ئەنسارى يېتىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھ ۋە ھەمراھلىرىغا قاراپ: ئەلھەمھۇلىللاھ! بۈگۈن مەندىنمۇ ھۆرمەتلىك مېھمىنى بار كىشى يوق،دەپ بولۇپ، ئۇلارغا بىر ساپاق ھۆل خورما،خورما غۇرىسى ۋە قۇرۇق خورما ئەكەلدى. ئاندىن: بۇلاردىن يېگەچ تۇرۇڭلار،دەپ قولىغا پىچاق ئالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: قوزىسى بار قوينى ئۆلتۈرمىگىن،دېدى. ئەنسارى قوينى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى پىشۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇلار گۆش ۋە خورمىلارنى يەپ تويۇشتى. رەسۇلۇللاھ ئەبۇبەكرى بىلەن ئۆمەرگە: ئاللاھ نامى بىلەن قەسەمكى، سىلەر قىيامەتتە مۇشۇ نېئمەتتىن سوئال قىلىنىسىلەر. سىلەرنى ئۆيۈڭلاردىن قۇرساق ئاچلىقى چىقاردى،بۇ نېئمەتلەرنى يېمەي قايتمىدىڭلار، دېدى. بۇ ھەدىسنى مۇسلىم توپلىغان. ئۇيغۇرچە مىشكات 4246 - نومۇرلۇق ھەدىس خوش، بۇلارغا قارىغاندا ئىقتىسادىڭىز ئازمىكەن ياكى كۆپمۇ؟ 78 كىلو ئارپىغا پۇلىڭىز يېتىشىدىغاندۇ؟ دېمەك، ئاشۇ رەسۇلۇللاھ ۋە مەشھۇر ساھابىلەرمۇ كۆپ ئاياللىق بولغان. شۇڭا، ئادىل بولالماسلىققا ئىقتىسادنىڭ ئازلىقى ئاساسى سەۋەب بولالمايدۇ. ئۇنداقتا ئادىللىق شەرتى نېمە؟ قۇرئان كەرىمدىكى بىرلا شەرت: ئۇ بولسىمۇ، مەلۇم ئايالىنى ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس تاشلاپ قويماسلىق. قايتا توي قىلىش ئۈچۈن دەسلەپكى ئايالىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش كۆپىنچە ئەرلەرگە كەتمىسىمۇ، ئايالىغا تەگكەن، ياكى دەسلەپكى ئايالىنىڭ ئاچچىقى كەپقالسا ئەر ئۇنىڭغا ئارا تۇرالمايدىغان ،كېيىنكى ئايالىنى قوغلاپ يۈرۈپ تالاق قىلىۋېتىدىغان ئەھۋالدىكى ئەرلەر چوقۇم دەسلەپكى ئايالىدىن رۇخسەت ئېلىشى كېرەك. بولمىسا بىر ئوبدان ئايالنىڭ كۆچىغا تاشلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،قايتا توي قىلغانلار كېيىنكى ئايالىنى دەسلەپكى ئايالى بىلەن تۇرمۇش، پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىقلاردا ئوخشاش كۆرۈش كېرەك. يەنى مىليونلاپ پۇلى، نەچچە يۈرۈش ئۆيى بار بولسىمۇ، توي قىلغاندا سۈننەت بويىچە قىلدۇق، دەپ، توي قىلىپ بولۇپ كېيىنكى ئايالىغا سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئەپ بېرىپ قوشۇمچە ئايال قاتارىدا كۆرۈشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. بولمىسا مۇنۇ ھەدىس مەزمۇنىغا چۈشۈپ قالىدۇ: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: ئىككى ئايالى بار ئەر ئۇلار ئارىسىدا ئادىل بولمىسا قىيامەتتە يېرىمى يوق قوپىدۇ(تىرمىزى، ھاكىم توپلىغان سەھىھ ھەدىس). ئۇندىن باشقا،دەسلەپكى ئايالنىڭ مىراس ياكى سوۋغات قاتارلىق ئايرىم مۈلكىدىن باشقا، ئەرنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى بارلىق مۈلۈكلەر كېيىنكى ئايالغىمۇ ئورتاق بولۇشى، ئەر ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، كېيىنكى ئايال ۋە بالىسىغىمۇ دەسلەپكى ئايال ۋە بالىسىغا ئوخشاش مىراس بېرىلىشى كېرەك.تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، دەسلەپكى ياكى كېيىنكى نىكاھ ئۈچۈن ئالماقچى بولغان ئايال قىز ياكى جۇۋان ۋە ياكى قېرى بولسىمۇ ئوخشاشلا ئايال ئائىلىسىنىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان ۋەلى يەنى دادىسى، ئاكا - ئۇكىسى، تاغىسى قاتارلىقلارنىڭ رۇخسىتى بولۇشى ۋە ئىككى ئادىل گۇۋاھچى بولۇشى كېرەك. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: قانداقلىكى ئايال ۋەلىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇنىڭ نىكاھى باتىل، باتىل، باتىل، دېگەن.بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، ھاكىم، بەيھەقىلار توپلىغان سەھىھ ھەدىسئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر, See More