592w
نَاجِـيَـةٌٌ
(Hi No. 1406355)
ئۇنتۇلغان سۈننەتلىرمىز (سىز قانچىنى بىلىسز؟) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : « كىمكى مېنىڭ بىر سۈننىتىمنى تىرىلدۈرسە ( ئۇنى ياشاتسا) مېنى تېرىلدۈرگەن بولىدۇ، كىمكى مېنى تېرىلدۈرسە جەننەتتە مېنىڭ بىلەن بىرگە بولىدۇ» دېگەن. جەننەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرگۈچىلەردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن تۆۋەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەل قىلىشتا ئۇنۇتۇلغان سۈننەتلىرىدىن بەزىلىرىنى بايان قىلىمىز. 1. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالاڭ ئاياق ناماز ئوقۇمايتتى. 2. تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قىبلىگە بۇرۇلۇپ، تاھارەتتىن ئاشقان سۇدىن ئىچەتتى. 3. سۇ ئىچكەندە ئولتۇرۇپ ئىچەتتى ۋە سۇنى ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىۋىتەتتى. 4. سۇنى ئىچىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دەيتتى، ئىچىپ بولغاندا ئەلھەمدۇلىللاھ دەيتتى. 5. بۇرۇتلىرىنى قىشىنىڭ تۈكلىرىچىلىك ئۇزارتاتتى، ھەرگىزمۇ لەۋلىرىنى ياپقىدەك دەرىجىدە ئۇزۇن قويۇپ بەرمەيتتى. 6. قەبرىستانلىقلاردىن ئۆتكەندە قەبرىدە ياتقانلارغا سالام بېرەتتى. 7. ئۆلگەن كىشىنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا تەسەللى بولغىدەك ياخشى تىلەك ۋە سۆزلەرنى قىلاتتى. 8. دىنى نىكاھنى تەرغىپ قىلاتتى ۋە ئوقۇيتتى. 9. تىرناقلىرىنى جۈمە كۈنلىرى ئالاتتى. 10 . تىرناقلىرىنى ئالغاندا شاھادەت بارمىدىن باشلاپ ئالاتتى. 11. ياتقاندا ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتاتتى. 12. يېتىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئېلىپ ، تاھارەتلىك ھالدا ئۇخلايتتى. 13. تاماق يېيىشنى تۇز بىلەن باشلايتتى. 14. داستىخانغا سىركە ( ئاچچىقسۇ ) قويدۇراتتى. 15. ئايىغىنى كىيىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ يۈزىنى يەرگە قارىتىپ سىلكىۋېتىپ ئاندىن كېيەتتى. 16. پېقىرلارغا ( ئاشلىق، مېۋە كۆك- تاتلاردىن) ئۇشۇر زاكات بېرەتتى. 17. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە پۇتلىرىنى يۇياتتى. 18. ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا توختايتتى. 19. كىيىملىرىنىڭ تۈگمىلىرىنى كىيگەندە ئاستى تەرىپىدىن باشلاپ تۈگمىلەيتتى. سالغاندا بولسا ئۈستى تەرىپىدىن باشلاپ ئاچاتتى. نامازدا سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سول پۇتىنى تىكلەيتتى. 21. نامازدا قامەتتە تۇرغاندا ، رۇكۇ قىلغاندا سول پۇتىنى ئوڭ پۇتىغا يېقىنلاشتۇراتتى. 22. چۈشكۈرگەندە ئەلھەمدۇلىللاھ، چۈشكۈرگەننى ئاڭلىغاندا يەرھەكەممۇللاھ دەيتتى. 23. قەبرىنىڭ ئۈستۈگە سۇ تۆككەتتى. قەبرىنى بېلىقنىڭ دۈمبىسىدەك شەكىلدە قوپۇراتتى. 25. ياڭاق مېغىزىنى پىشلاق بىلەن ، ئۈزۈمنى نان بىلەن يەيتتى. 26. بۇغداي نېنىغا ئارپا ئۇنى ئارىلاشتۇراتتى. 27. تاماق يەۋاتقاندا ياخشى نەرسىلەر ھەققىدە گەپ قىلاتتى. 28. بېرى ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا ئۇ ئادەمگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇرۇلۇپ يۈزلىنەتتى. 29. يول ماڭغاندا بېشىنى تۆۋەنگە قارىتىۋالاتتى. 30.ئەتىگەن بامدات نامىزى ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئىستىغپار ئېيتاتتى. 32.چىشلىرىنى پاكىزە تۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق مىسۋاك قوللىناتتى. 32. كىرىشكە جائىز بولىدىغان يەرلەرگە كىرگەندە ئوڭ پۇتى بىلەن ،چىقاندا سول پۇتى بىلەن چىقاتتى. 33. ئىشلارنى باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى. 34. كۈنىنى ئىككى ۋاخ تاماق بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى. 35. جىنازە نامىزى ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلاتتى. 36. ھەر كۈنى ئاخشىمى ياتقىچە ئالقانلىرىنى ئېچىپ بىر- بىرىگە يېقىن ئېلىپ كېلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئاندىن ئىخلاس، ڧەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنى ئالقانلىرىغا سۈپكۈش قىلغاندىن كېيىن بېشىدىن تاكى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىغىچە، قولىنىڭ يېتىشىچە بەدىنىڭ ھەممە يېرىنى ئۈچ قېتىمدىن سىلاپ چىققاتتى. 37. نامازدا رۇكۇدا تۇرغاندا دۈمبىسىنى تۈپتۈز قىلاتتى. 38. ئۆلۈم سەكراتىغا چۈشكەن كىشىلەرگە سۇ ئىچىرەتتى. 39. گۈزەل پۇراقلىق نەرسىلەرنى سۈرەتتى. بۇ يازمىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن، بىزلەرگە بۇ سۈننەتلەر يەتكۈزگەن قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپ تەشەككۈر. uy999 ياخشى مەزمۇنلاردىن ئورتاق بەھىرلىنەيلى
5 Comments



جىددى خەۋەر يۇقىرىدكىلەرگە جىددى تاقىتىلسۇن خىتاي ساقچىلىرى 6- ئاي ئىچىدە خوتەن يىڭىئاۋات يېزىسدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە قارقاش دەرياسىدىكى كۆچمەن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان قېرىنداشلىرىمىزغا 2013-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنى سوت ئاچقان
بۇ سوتتا خوتەن خانئېرىق يېزىسىدىن بولغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئابدىخالىق تۇرسۇنتوختى. ئابدۇلباسىت قادىر .جۇندۇللا رۇزتوختى. ۋە جۈمە ئىسلام قاتارلىق تۆت نەپەر قېرىندىشىمىزنى ئۈلۈم جا ... زاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇ ھۆكۈمنى 15 كۈن كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرغان .. ئاللاھ ئۈزىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شېھىت بۇلۇش ئالدىدا ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن ۋە شاھادىتىنى قۇبۇل قىلسۇن ۋە ئاتا ئانىلىرىغا سەبىر ئاتا قىلسۇن ۋە شۇلاردەك پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرسۇن ئامىن !!! See More
591wبۇ سوتتا خوتەن خانئېرىق يېزىسىدىن بولغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئابدىخالىق تۇرسۇنتوختى. ئابدۇلباسىت قادىر .جۇندۇللا رۇزتوختى. ۋە جۈمە ئىسلام قاتارلىق تۆت نەپەر قېرىندىشىمىزنى ئۈلۈم جا ... زاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بۇ ھۆكۈمنى 15 كۈن كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى ئۇقتۇرغان .. ئاللاھ ئۈزىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شېھىت بۇلۇش ئالدىدا ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلسۇن ۋە شاھادىتىنى قۇبۇل قىلسۇن ۋە ئاتا ئانىلىرىغا سەبىر ئاتا قىلسۇن ۋە شۇلاردەك پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرسۇن ئامىن !!! See More