576w
أنصارالله
(Hi No. 1409415)
ئەتە قىيامەت!؟ئاپتۇرى :ھۈسەيىن تەجەللى
- قىيامەتكەئاز قالدى ! كىلىڭلار ! ياشىۋىلىڭلار !
ئىشخانىسىنى بازارنىڭ مەركىزىگە قۇرۇۋالغان ئىبلس ، مەيداندىكى ئالاھىدە ياسالغان سەھنىدە يۇقىرى چاستۇتىلىق مىكرۇفۇن بىلەن جان جەھلى بىلەن توۋلىماقتا …
پىشانىسىنىڭ ئوتتۇردىكى چىقىر كۆزى چەكچەيگەن، توڭگۇزنىڭكىگە ئوخشىغان دورداي كالپۇكلىرىدىن شۆلگەيلىرى ئىقىپ تۇرغان بۇ گۈزەل نازىنىن ، كىندىكىنى ئىچىپ تاماشىبىنلارغا كۆرسەتمەكتە ئىدى …
- ئەتە بۇ مەيداندا ئويۇن بار! ھاياتىڭىزدا كۆرمىگەن ئاجايىپ غارايىباتلارنى كۆرۈسىز . بۇ خۇشاللىقلاردىن كۈلۈپ تىلىقىپ قالىسىزكى ئانىڭىزدىن تۇغۇلغىنىڭىزغا تويۇسىز ! بىلەتنىڭ سانى چەكلىىك! دوزاققا كىرىشكە ئالدىراڭ ! تىزدىن بىلەت سىتىۋىلىڭ !
ئەتلەس كۆينىىكىنى سىلىپ تاشلاپ ئەرەپ ئۇسۇلىغا ئويناۋاتقان شەيتاننىڭ چوڭ قىزى، دوزاقنىڭ ئىلانىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇپ ئۇيغۇرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقتا … كىشىلەر شەھەر مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىلەت سىتىش ئورنىدا بەس بەستە دوزاقنىڭ بىلىتىنى سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئالدىرماقتا ….
شەيتان ئۇيغۇردىن قاتتىق ئۆچ ئىلىۋاتاتتى …. ئىبلىسنىڭ ۋەھشىلەرچە ئىلىپ بىرىۋاتقان ھۇجۇملىرىدىن ھالسىرغان بىچارە ئۇيغۇر شەيتانغا ئەل بۇلماقتا ئىدى ….
لەنىتى ئىبلىس كۈن غەرىپتىن چىققۇچە ئۆزى ئازدۇرالىغۇدەكلا ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرۇش پىلانىنى تىزدىن ئىجرا قىلىۋاتاتتى.
- توغرا ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك ! ئەتىگىچە ئىنسانلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئازدۇرۇشۇم كىرەك !
بىرىڭلار باللىرىم!!! ئۇلارنىڭ ئەڭ ئىمانلىقلىرىنى ،غورورى ئەڭ كۈچلۈكلىرىنى ئازدۇرۇڭلار !
ئۇلارغا شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىڭلاركى، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارغا دۇشمەن ئىكەنلىىگىڭلارنى بىلمەي قالسۇن .ئاياللىرى بۇزۇلغان مىللەتنىڭ تىزلا زاۋال تاپىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسلەر ، شۇڭا بەكرەك ئاياللارنى ئازدۇرۇشقا ئىتىبار بىرىڭلار .ئۇلارغا ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلىڭلار .ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن ھەرگىز بوشىشىپ قالماڭلار.ئەمما ھەسەتخورلىرىنىڭ يىنىغا يېقىن كەلمەڭلار ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇۋىتىدۇ!!!
ھىرىپ چارچىسىمۇ شەھەرمۇ شەھەر كىزىپ يۈرۈپ ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان شەيتان بارغانلا يىرىدە مەكتەپ - مەدرىس ،قىمار – ئىشرەتخانىلارنىڭ سانىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ،ئۆز سەپسەتىسىنى يەرشارىنىڭ ھەممە يىرىگە ئوموميۈزلۇك كىڭەيتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇر ماقتا ئىدى…
ئۇ قۇرۇپ چىققان ئىلان شىركەتلىرى ئىشلىگەن دوزاقنىڭ ئەڭ گۇزەل ئىلانلىرى ھەممىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ دوزاققا كىرگۇچىلەرنىڭ سانى بارغانسىرى ئاشماقتا ….
شەيتان چاقىرماقتا …. ئۇيغۇر ئازماقتا !
300 يىللىق فاجىئەلىك چۈش ھىلىھەم داۋاملاشماقتا ئىدى…
بۇنىڭ ئاچچىق ئازابىدىن قۇرتۇلۇش ئۈچۈن بىچارە ئۇيغۇر سىلكىنمەكتە …
تەرگە چۈمۈلمەكتە….
ئويغانماق، ئويغانماق ئۈچۈن تولغانماقتا ئىدى.
بىلەت سىتىش ئورنى….
بۈگۈن ئىبلىس ئۇيغۇر سىياقىدا ….
يەجۈجى بىلەن تۇلغىما ئۇسۇل ئويناۋاتقان غۇنچە بوي ئۇيغۇر قىزى شەيتاننىڭ چاقرىقىغا ئاۋاز قوشماقتا….
-كىلىڭلار يىگىتلەر! كىلىڭلار ! ياشاشتىن تىخىچە ئۈمىدىڭلار بارمۇ؟! مەجۇجىلەر سىلەرنى خوتۇن قىلىشتىن ئىلگىرى دوزاققا كىرىۋىلىڭلار !!!
دوزاققا كىرىشىڭلار ئەڭ ھەقلىقتۇر !
بۇيىرىم يالىڭاچ نازىنىننىڭ نازاكەتلىك تاتلىق سۆزلىرىگە مەھلىيا بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئەتراپى پۈتۈنلەي راھەت - پاراغەت ئەيىش - ئىشرەت بىلەن زىننەتلەنگەن دوزاق تەرەپكە سەلدەك ئاقماقتا …