583w
☆υz♡τυЯυК☆
(Hi No. 1407721)
بىر باي بىر يوقسۇل ئادەمگە لىق بىر سىۋەت سېسىغان بۇزۇلغان نان ۋە بولكىلارنى ھەدىيە قىلىپتۇ. كەمبەغەل ئادەم سىۋەتتىكى ئەسكىلىكلەرنى تۆكۈپ سىۋەتنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ سىۋەتكە لىق گۈل تولدۇرۇپ بايغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن باي كەمبەغەلدىن سوراپتۇ : بۇ نىمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا بىر سېۋەت بۇزۇلغان يېمەكلىك بەرسەم سەن بىر سېۋەت گۈل سوۋغا قىپسەن؟ كەمبەغەل كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىپتۇ : ئەپەندىم ھەر كىم قەلبىدە بارى نىمە بولسا شۇنى بېرىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق ، ھەر كىم قەلبىدە نىمە بولسا شۇنى بىرىدۇ ماددى ئەشيا بولسۇن مەنىۋى باھا بولسۇن شۇ قەلبىدە بارىنى بېرىدۇ . قەلبىدە بارى بويىچە چۈشىنىدۇ، تەھلىل قىلىدۇ ....