576w
☆υz♡τυЯυК☆
(Hi No. 1407721)
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر.ئۇ تۇنجى ئىنساننى لايدىن ياراتتى.ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاددى مەنى ئىسفىرمىسىدىن ياراتتى.ئۇنىڭ تەن قۇرۇلۇشىنى ئىۋەنسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۆز روھىدىن جان ئاتا قىلدى.ئاللاھ مۇقەددەستۇر.ئۇ ئەڭ گۈزەل ئىجاتكاردۇر.ئاللاھ خالىسا بىرىدۇ.خالىسا قايتۇرۋالىدۇ.خالىسا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.خالىسا زىيان يەتكۈزىدۇ.خالىسا رىشتە باغلايدۇ.خالىسا رىشتىنى ئۈزىدۇ.ئاللاھ بۇنىڭغا ھەمكارلاشقۇچى ياردەمچىلەردىن پاكتۇر. ئاللاھقا چىن دىلىمدىن ھەمدۇ ئېيتىمەن ۋە چىن ئىخلاس بىلەن شۈكرى ئىيتىمەن.گۇۋاھلىق بىرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.ئۇنىڭ شىرىكى يوقتۇر.گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققان دوست بۇرادەرلىرىگە مەڭگۈلۈك دۇئايى سالام بولسۇن! ئى جامائەت! ئاخىرەتتە نىجاتلىق تاپقۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلىساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئىشقى مۇھەببىتىدىن يۈرىكىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار.رىزقى مەئىشتىڭلارغا ئانچە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭلار.ئاللاھ ئۆزى رىزىق بەرگۈچى غايەت زور قۇدرەت ئىگىسىدۇر.سىلەر نېمىشقا ئاللاھنىڭ قانۇنى ھەقلىرىگە رىئايە قىلماي دىندىن تاشقىرى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟نېمىشقا ئېزىلگەنلەرگە قارشى ئەزگۈچىلەرگە ياردەم بىرىسىلەر؟ نېمىشقا نامرات مۆئمىنلەرنى ياراتمايسىلەر؟نېمىشقا ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟نېمىشقا كىشىلەرنى رازى قىلىمەن دەپ ئاللاھنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىسىلەر؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى:ۋەجى ئوقەتنىڭ كەينىدە يۈرۈپ پۈتۈن جېنىڭلار ئېقىپ تۈگىدى.بارلىق ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن بۇدۇنياغا شۇڭغۇپ كەتتىڭلار .ناخشا-مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا بولسا خوشلۇقتىن جېنىڭلار يايراپ كېتىدۇ.ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئاڭلىغاندا بولسا خاپىلىقتىن چىرايىڭلار پۇرشۈپ كېتىدۇ.شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلىپ كەتتىڭلار.بىرى بىدئەتكە چاقىرسا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدىڭلار.بىرى سۈننەتكە چاقىرسا ئۇنىڭغا قارشى چىقتىڭلار.نەسىھەت قىلسا خاپا بولۇپ قالدىڭلار.ئاراڭلاردىن دەججال چىقىپ ھەەممىڭلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۋالسا ئەجەپ ئەمەس.داببەتۇلئەرزى مەيدانغا چىقىپ مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ ئوتتۇرسىنى ئايرىسا ئەجەپ ئەمەس.پۈتۈن قارىلارنىڭ يۈرىكىدىن قۇرئاننىڭ بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىمۇ يىراق ئەمەس.قۇياش غەربتىن چىقىپ تەۋبىنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.كۈن ئاي تۇتۇلۇپ يەر تەۋرەپ قىيامەتنىڭ بارلىق ئالامەتلىرى مەيدانغا كەلسە ئەجەپ ئەمەس. ھەدىس:زامان ئاخىر بولغاندا ئاللاھ تۆت ئىشنى كۆتۈرۋىتىدۇ. 1–ئاللاھ زېمىندىن بەركەتنى كۆتۈرۋىتىدۇ. 2–ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىدىن مېھىر-مۇھەببەتنى كۆتۈرۋىتىدۇ. 3–ئاللاھ ئەمەلدارلاردىن ئادالەتنى كۆتۈرۋىتىدۇ. 4–ئاللاھ ئاياللاردىن شەرمى-ھايانى كۆتۈرۋىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇنى ئوقۇغانلارغا ھىدايەت، تارقاتقانلارغا ساۋاپ ۋە دەرىجە ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولدا مېڭىشقا نىسىپ قىلغاي ئامىن!