2'35"
583w
☆υz♡τυЯυК☆
(Hi No. 1407721)
بىر پۇلدار ئائىلىنىڭ 17-18ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغلى بۇلۇپ ھەركۈنى سىرىتتا دوسلىرى بىلەن يەپ ئىچىپ ئۇرۇشۇپ يۈرۈيدىكەن . دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ ئەھۋالىغا قاراپ ئوغلىغا كىمنىڭ ھەقىقى دوس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئوغلىغا مۇنداق دەپتۇ سەن بىر ئاق كۆڭلەك كىيىپ كۆڭلەككە توخونىڭ قېنىنى تېمىتىپ دوسلىرىڭنىڭ يېنىغا مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم دەپ بارغىن ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىكىن شۇندىلا سەن كىمنىڭ ھەقىقىي دوس ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن دەپتۇ. بۇ بالا دادىسىنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىپ بىرىنجى ئاغىينىسىنىڭ يېنىغا بېرىپئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويغىنىنى دەپ ئازراق پۇل ئۆتنە بىرىشنى دىگەنىكەن ئۇ ئاغىينىسى ئۆزىدە پۇل يوقلىقىنى پۇل بىرەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن بەك ئىچى پۇشۇپتۇ ۋە ئىككىنجى ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چەككەنىكەن دوستىنى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن كورگەن بۇ دوستى ئىشىكنى ئاچماي كىم دەپ توۋلاپتۇ ھېلىقى ئاغىينىسى مەن دەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۇرۇپ قويغىنىنى دەپ ئازراق پۇل ئۆتنە بىرىشنى دىگەنىكەن ئۇ ئاغىينىسى بىرىنجى ئاغىينىسگە ئوخشاش ئۆزىدە پۇل يوقلىقىنى پۇل بىرەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ باشقا دوسلىرىمۇ ھەممىسى مۇشۇنڭغا ئوخشاش ئىش قىلىپتۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى ئاچچىقى كەلگەن بۇ بالا ئۆيگە بېرىپ بۇ ئەھۋاللارنى دادىسىغا سۆزلەپ بىرىپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مىنىڭ 1.5ئاغىينەم بار ئالدى بىلەن يېرىم ئاغىينەمنى ئىزدەپ بېقىڭ ئۇ نىمە دەيدىكىن دەپتۇ. ئوغلى يېرىم ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بارغانىكەن بۇ دادىسىنىڭ ئاغىينىسى ئىشىكىنى ئېچىپلا بالام سىزگە نىم بولدى دەپ سۇراپتۇ بۇ بالا يەنە بايىقىدەك ھالەتتە ئەھۋالنى سۆزلەپ بىرىپ تېخى پۇل دىمەستە دادىسىنىڭ بۇ ئاغىينىسى دەرھاللا نەچچە مىليونلۇق چەك يېزىپ بىرىپ مۇشۇنىڭ بىلەن يۇشۇرنۇپ تۇرۇڭ دەپ بەرگەنەكەن بۇ بالا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كىتىپتۇ ۋە بۇ كىشى بىلەن خوشلۇشۇپ ھېلىقى دادىسىنىڭ پۇتۇن ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چەككەنىكەن دادىسىنىڭ بۇ ئاغىينىسى ئىشىكنى ئېچىپلا بۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۈرەپ ئۇنى دەرھال ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ بالام سىزگە نىمە بولدى دەپ سۇراپتۇ ۋە بالىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بالىغا بالام كىيىمىڭنى سال مىنىڭ سەن بىلەن تەڭ بىر ئوغلۇم بار مەن كىيىمىڭنى شۇنىڭغا كەيگۇزۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئوغلۇمنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن سىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن دەپتۇ بالا بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يەرگە يۇكۇنۇپ قاتتتىق يىغلاپ رەخمەت ئېيتىپتۇ ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. بۇ ھېكايىدە مۇنداق بىر ھەقىقەت سۆزلىندۇ يەنى قانداق دوس ھەقىقىي دوس سىزنىڭ قانچىلىك ھەقىقي دوستىڭىز بار. .