Avatar
610w
☆υz♡τυЯυК☆ (Hi No. 1407721)
ئى مېھرىبان ئۇلۇغ راببىم! ۋاپادار دوستلىرىمنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسەن. ھەرۋاقىت ھەر زامان دوستلىرىمغا يار يۆلەك بولغايسەن. قىيىن ئىشلىرىنى ئاسان قىلغايسەن. ئى مېھرىبان شەپقەتلىك ئۇلۇغ راببىم! دوستلىرىمغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدىغان بالا قازالاردىن يىراق قىلغايسەن. دوستلىرىمنىڭ ئائىلىلىرىگە تىنچ-ئامانلىق، خاتىرجەملىك، بەخت ئاتا قىلغايسەن. ئۇلارنى ھەرخىل ئېغىر يەڭگىل كېسەللىكلەردىن ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن. دوستلىرىمغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ئىمان، ھىدايەت، گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلغايسەن. ئى رەھمان! ئاخىرەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان گۈزەل جەننەتلەردە ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇشنى نېسىپ قىلغايسەن
Tweet
1 like
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms