584w
❀υz✪υyghυЯ❀
(Hi No. 1407693)
كىم بىلەن دوست بولۇش ھەققىدە ئىبلىس جاۋاب بەردى : 20 تۈرلۇك ئادەم دۈشمىنىمدۇر 1. ئى مۇھەممەد ، سەن ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى . 2. ئىلىمگە ئەمەل قىلغۇچى ئالىم . 3 . قۇرئانغا ئەمەل قىلغۇچى قارىي . 4 . بەش ۋاقىت ئەزان توۋلىغۇچى . 5. نامرات ، مىسكىن ۋە يېتىملەرنى ياقتۇرغۇچى . 6. دىلى ئۈزۈك ئادەم . 7 . ھەقىقەت ئۈچۈن تىز پۈككۈچى . 8. ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۆسكەن ياش . 9. ھالال يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان ئادەم . 10. ئاللاھ ئۈچۈن دوستلىشىدىغان ئىككى ياش . 11. جامائەت نامىزىغا قاتنىشىشقا ئىنتىزار ئادەم . 12. كېچىدە خەلق ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇغۇچى . 13 . ھارامدىن يىراق يۈرگۈچى . 14. ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسقۇچى . 15. ئۇزۇن مەزگىل تاھارەت بىلەن يۈرگۈچى . 16. سېخىي . 17. مىجەزى سالىھ ئادەم . 18. ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قەتئىي ئىشەنگۈچى . 19. تۇل ئاياللارغا ياخشىلىق قىلغۇچى . 20. ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلغۇچى . قېرىنداشلىرىم ، ھەرگىز ئىبلىسنىڭ دوستى بولۇپ قالمايلى !!!! (بىر قېرىندىشىم يوللىغان) ھېكايە: بىر پۇلدار ئائىلىنىڭ 17-18ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغلى بولۇپ، ھەركۈنى سىرىتتا دوستلىرى بىلەن يەپ ئىچىپ ئۇرۇشۇپ يۈرۈيدىكەن. دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ ئەھۋالىغا قاراپ ئوغلىغا كىمنىڭ ھەقىقى دوست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئوغلىغا مۇنداق دەپتۇ. سەن بىر ئاق كۆڭلەك كىيىپ كۆڭلەككە توخۇنىڭ قېنىنى تېمىتىپ دوستلىرىڭنىڭ يېنىغا مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم دەپ بارغىن، ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىكىن، شۇندىلا سەن كىمنىڭ ھەقىقىي دوست ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن دەپتۇ. بۇ بالا دادىسىنىڭ دىگىنى بويىچە قىلىپ بىرىنچى ئاغىينىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغىنىنى دەپ ئازراق پۇل ئۆتنە بىرىشنى دېگەنىكەن، ئۇ ئاغىينىسى ئۆزىدە پۇل يوقلىقىنى پۇل بېرەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىشتىن بەك ئىچى پۇشۇپتۇ ۋە ئىككىنچى ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چەككەنىكەن دوستىنى ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن كۆرگەن بۇ دوستى ئىشىكنى ئاچماي كىم دەپ توۋلاپتۇ. ھېلىقى ئاغىينىسى مەن دەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغىنىنى دەپ ئازراق پۇل ئۆتنە بىرىشنى دېگەنىكەن. ئۇ ئاغىينىسى بىرىنچى ئاغىينىسگە ئوخشاش ئۆزىدە پۇل يوقلىقىنى پۇل بېرەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. باشقا دوستلىرىمۇ ھەممىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن ناھايىتى ئاچچىقى كەلگەن بۇ بالا ئۆيگە بېرىپ بۇ ئەھۋاللارنى دادىسىغا سۆزلەپ بىرىپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ مېنىڭ 1.5 ئاغىينەم بار. (ئەسلىي يازمىنى ئۆزگەرتمىدىم. بۇ يەردە سەل يېىقىنراق ۋە جان-جىگەر ئاغىينەم دېمەكچى) ئالدى بىلەن يېرىم ئاغىينەمنى ئىزدەپ بېقىڭ ئۇ نېمە دەيدىكىن دەپتۇ. ئوغلى يېرىم ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بارغانىكەن بۇ دادىسىنىڭ ئاغىينىسى ئىشىكىنى ئېچىپلا بالام سىزگە نىم بولدى دەپ سوراپتۇ. بۇ بالا يەنە بايىقىدەك ھالەتتە ئەھۋالنى سۆزلەپ بىرىپ تېخى پۇل دىمەستە دادىسىنىڭ بۇ ئاغىينىسى دەرھاللا نەچچە مىليونلۇق چەك يېزىپ بىرىپ مۇشۇنىڭ بىلەن يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇڭ دەپ بەرگەنكەن. بۇ بالا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كىتىپتۇ ۋە بۇ كىشى بىلەن خوشلۇشۇپ ھېلىقى دادىسىنىڭ پۈتۈن ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چەككەنىكەن دادىسىنىڭ بۇ ئاغىينىسى ئىشىكنى ئېچىپلا بۇ بالىنىڭ ئەھۋالىنى كۈرەپ ئۇنى دەرھال ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ بالام سىزگە نېمە بولدى دەپ سوراپتۇ ۋە بالىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بالىغا بالام كىيىمىڭنى سال مىنىڭ سەن بىلەن تەڭ بىر ئوغلۇم بار مەن كىيىمىڭنى شۇنىڭغا كەيگۈزۈپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ئوغلۇمنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن سىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن دەپتۇ بالا بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ يەرگە يۈكۈنۈپ قاتتىق يىغلاپ رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بىرىپتۇ. بۇ ھېكايىدە مۇنداق بىر ھەقىقەت سۆزلىندۇ. يەنى قانداق دوست ھەقىقىي دوست. سىزنىڭ قانچىلىك ھەقىقي دوستىڭىز بار؟ دېمەك، مەنپەئەتلىرى تۈگىگىچە ئەمەس، يۈرەكلىرى يەتكەنگە قەدەر سىزنى تاشلاپ كەتمىگەنلەر ھەقىقىي دوستىڭىزدۇر.
3 Comments