584w
❀υz✪υyghυЯ❀
(Hi No. 1407693)
ناخشا ـ مۇزىكا ئاڭلاش، ھاراق ئىچىش بىلەن ئوخشاش ھارام دۇر، بەلكى ھاراق ئىچىشتىنمۇ قاتتىغراق ھارامدۇر . چۈنكى ھاراق ئىنساننىڭ بەدىننى مەس قىلسا . ناخشا مۇزىكا ئىنساننىڭ قەلبىنى مەس قىلىدۇ، قەلىپ مەس بولغاندىن كىيىن ئۇ كىشى گۇناھنى گۇناھ ھېس قىلماي قىلىۋىرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەديسىدا مۇنداق دەيدۇ ، ( ئى مۇسۇلمان لار ئاگاھ بۇلۇڭلاركى ئىنساننىڭ جىسمىدا بىر پارچە گۆش بار، ئۇ گۆش قاچانىكى ياخشى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قالغان بارچە ئەزالىرى ياخشى بۇلىدۇ ، قاچانىكى ئۇ گۆش بۇزۇلسا ئۇكىشىنىڭ قالغان ئەزالىرىمۇ بۇزۇلىدۇ، يەنى ( تەپ تارتماستىن رب العالمين گە ئاسىيلىق قىلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ) ئاگاھ بۇلۇڭلاركى ئۇ گۆش قەلىب دۇر . متفق عليه . ) ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئەھۋال مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك، بۇ ناخشا مۇزىكىنى ئاڭلاش، تارقىتىش، مۇزىكا چېلىشنىڭ ھاراملىقىغا ئايەت ـ ھەدىستىن نۇرغۇن دەلىللەر كەلگەن بۇلۇپ، تۈۋەندە مەن بۇ دەلىللەرنىڭ ئاز بىر قىسمىنى كەلتۈرىمەن . اللە سۈرە لۇقماننىڭ 6 ـ ئايىتىدە ، ناخشا ـ مۇزىكىنىڭ كىشىلەرنى اللە نىڭ يولىدىن توسىدىغان ۋە اللە نىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدىغان بىر نىجىس ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ . ( ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە بەزى بىر بىلىمسىز كىشىلەر باركى، ئۇلار كىشىلەرنى اللەنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە اللە نىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەنە شۇلەر خور قىلغۇچى ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ ) عبدالله بن مسعود رضي الله عنه . بۇ ئايەتتىكى بىھۇدە گەپلەر دىگەن سۆزنى تەپسىر قىلىپ ، اللە بىلەن 3 قېتىم قەسەم قىلىپ تۇرۇپ دەيدۇكى، بۇ دەل ناخشا ـ مۇزىكىدۇر. اللە يەنە سۈرە بنى اسرائيل نىڭ 64 ـ ئايىتىدە ، بۇ ناخشا ـ مۇزىكىنىڭ شەيتاننىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكى، ۋە ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى بىر دىنبىر ۋاستىسى ئىكەنلىكى توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ ( ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ( يەنى ئادەم باللىرىنىڭ ئىچىدىن) قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن .. ... ) بۇ يەردىكى ئاۋاز يەنە ناخشا ـ مۇزىكىدۇر . شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلار بىلىپ بىلمەي شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇلئويناپ خور قىلغۇچى، ئېچىنىشلىق ئازاپقا دۇچار بۇلۇپ قالمايلى . مۇمكىن بولسا تارقىتىپ قويۇڭلار قېرىنداشلار…