583w
✧SeCreT🔜☪
(Hi No. 1407646)
ھا ھا ھا ......بەزىدە مىنى شۇنداق ئاچچىق كۈلكە تۇتىدۇ،بۇ ھاياتنىڭ رەڭگارەڭلىكىگە،ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك رەڭگارەڭ ئىكەنلىكىگە بولۇپمۇ رەڭگارەڭ ياشايدىغانلىقىغا! قانداق سىزنىڭمۇ كۈلگىڭىز كىلەمدۇ؟ھەي.....ئۇف ....بەزىدە مۇشۇنداق ئېغىر يىنىك تىنىپلا چاپا-مۇشەققەتنى،ئازاپ-ئوقۇبەتنى خاتىرەمدىن ئۆچۈرۋەتكۈم كىلىدۇ،بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەس! نىمىشقا ئەستە شۇنداق ئىشلار بەكرەك قالىدىغاندۇ؟نىمىشقا باشقا ئىشلار تىزلا ئۇنتۇلۇپ بۇ خىل كەيپىياتتىكى ئىشلار ئۇنتۇلمايدۇ؟بۇ جاۋابى يادىمغا يەتكەندەك بولدى.......... ئىنسان ھەربىر قىيىنلىچىقلىت بىر ئەقىل-پاراسەت،بىر تەجىربە ۋە قائىدە-قانۇنىيەتكە ئىگە بۇلىدىكەن ئۇنى ئۇنتۇماسلىقتىكى مەسىلە بولسا ئىلگىركى خاتالىقنى قايتا تەكرارلىماسلىقتىن ئىبارەت ئىكەن.توۋا....! بىزنى مۇشۇنداق ئەقىللىق قىلىپ ياراتقان زاتنىڭ ئۆزى قانچىلىك ئەقىللىقتۇ......بىر-بىرمىزگە تاش ۋە قۇم سانىشىپ ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكىنىمىزدە شۇنىڭدىن ياراتقان پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ھىساپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدىكەنمىز، بىز بىر كۈن ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ شۇ بىزنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىمىز،ئۇنى ئەسلەشكە ئۇنى چۈشىنىشكە ۋاقىت ئاجىرتالايمىز؟ ئەپسۇسكى ئۇ كەڭ قورساق بولغان زات ھەردائىم بىزنىڭ غېمىمىزنى قىلىپ بىزگە قاراش بىلەن بىزنىڭ ئىشلىرمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ......ئەمما بىز بولساق شۇ زاتنى قارتىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۇ ئەڭ يامان كۆردىغان ئەمەللەنى قىلىمىز.ئەنە دەل شۇ ۋاقىتتا ئىنساننىڭ نەقەدەر دوت، بىپەرۋا بىخۇدلىقىغا ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق ئازاپلىق كۈلكە مىنى يا يىغلاشقا،يا كۈلۈشكە پۇرسەت بەرمەستىن مىنى ئارلىقتا قويۇپ مىنى سۈكۈتكە چوڭقۇر ئويلۇنۇش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا ئېلىپ ماڭىدۇ.مەن شۇ ماڭغىنىمچە نۇرغۇن ئىشلارنى، خەلقنى كۆرىمەن ......شۈكرى..مىڭ شۈكرى ماڭا غەزەپ بىلەن مۇھاببەت بىرگە ئاتا قىلغان شۇ زاتقا شۈكرى!مەن شۇ غەزەپ ئۆزۈمنىڭ بەزىدىكى دۆتلۈكۈمگە ۋە ماڭا ئوخشاش دۆت ئىنسانلارغا غەزەپ كۆزۈم بىلەن قارايمەن.بەزىدە ئۆزۈمنى تۇنۇپ شۇنچىلىك ئەقىللىق بوپ كەتكىنىمگە ۋە ماڭا يولداش بولغانلارغا ئوتلۇق مىھىر بىلەن تويماستىن قاراپ كىتىمەن. ئاگاھ بول ئىنسان! تۆتكۈلۈك ئالەم بۇ، كەلمەكنىڭ كەتمىكى ھەقتۇر،بۇنى بىلىپ قال. ئالماقنىڭ بەمىكى بادۇر،بۇنى ھەم بىلىپ قال، سەۋەپسىز ئىش بولماس، ئويلانغىن ئاقىل. ٭ ٭ ٭ الـــــــمــــــــــــؤمـــــــــن