584w
عبدالأكبر
(Hi No. 1370397)
نادامەتبۇ دۇنيادا بىھۇدە،
ئۆتكىنىنىڭگە نادامەت.
پۇل مال ئۈچۈن قۇل بۇلۇپ ،
يۈرگىنىڭگە نادامەت.
ھەق يول تۇرسا ئالدىڭدا،
تېز ماڭماستىن ئۇنىڭغا.
ھاياتىڭدا گاڭگىراپ،
يۈرگىنىڭگە نادامەت.
ئاللاھ بەرگەن مۈلۈكنى ،
سەن ئاللاھقا بىرەلمەي.
شۇ بېخىللىق ئىچىدە،
ئۆتكىنىڭگە نادامەت.
ئاللاھ بەرگەن مال مۈلۈك ،
ئۇ سىناقتۇر پەقەتلا.
شۇ سىناقتىن ئۆتەلمەي ،
قالغىنىڭغا نادامەت.
دۇنيا دىسە ھە دەيسەن،
رەببىڭ ئۈچۈن بەرمەيسەن.
تاغۇتلاردىن قورقۇشۇپ ،
يۈرگىنىڭگە نادامەت .
نەپسىڭ ئۈچۈن چىققان پۇل،
دىينىڭ ئۈچۈن چىقمايدۇ.
ئالى ماشنا ھەيدىشىپ،
غادايغانغا نادامەت.
تاماشاغا يۈگىرەيسەن ،
غادىيىشىپ كەرىلىپ.
دىينىڭ ئۈچۈن غېمىڭ يوق،
غەپلىتىڭگە نادامەت.
ئولتۇرۇشساڭ تاماققا،
ئەسلىدىڭمۇ مەھبۇسنى.
مەھبۇس دىگەن كىملەر ئۇ،
بىلمىگەنگە نادامەت.
پۇل مال دىسەم سەندە بار،
يوقلىمايسەن غېرىپنى.
ئۆزىم تاپقان دۇنيا بۇ،
دىگىنىڭگە نادامەت.
كەمبەغەلنىڭ ئۆيىگە،
ھەرگىزئەسلا بارمايسەن.
سەن ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇپ ،
تۇرغىڭغا نادامەت.
دۇشمەن تۇرسا ئالدىڭدا،
تىكىلىپمۇ قارىماي.
ئۆز قېرىنداش دوستۇڭنى،
ئۇرغىنىڭغا نادامەت.
دۈشمەن كىلىپ 50مىڭ،
ئېلىۋالسا ھېچ گەپ يوق.
ئۆز دوستىغا 5موچەن،
بەرمىگەنگە نادامەت.
دوستىڭىز كىم ھەم دۈشمىنىڭ ،
ئايرىماستىن ئۆزىچە.
مەن مۇسۇلمان دەۋىلىپ ،
يۈرگىنىڭگە نادامەت.
ئېغىزىڭدا سۆزلەيسەن ،
ئالى غايە كۆزلەيسەن.
قەدەم ئالماي ئۇنىڭغا،
پولىرىڭغا نادامەت.
بۇ دۇنيادا خار بۇلۇپ ،
گۆرلىرىڭ ھەم تار بۇلۇپ.
قىيىن- قىستاق ئىچىدە،
قالغىنىڭغا نادامەت.
ئەسلى ئىنسان ھۆرمەتلىك ،
يارىتىلغان دۇنياغا.
بۇ ئىززەتنى يۇقۇتۇپ ،
قويغىنىڭغا نادامەت.
ياۋلار بۈگۈن گەدەنگە ،
يۈرۈشىدۇ دەسسىشىپ.
گەدەنلەردە ياۋلارنى ،
كۈتۈرگەنگە نادامەت.
ياۋلار ئىتى قۇتىراپ ،
يۈرەر ئىكەن ھەر جايدا.
شۇ ئىشلارغا ھەم نەپەس،
بولغىنىڭغا نادامەت.
ياۋ ئىتىنى ئۈيۈڭنىڭ ،
ئالىيىغا باشلايسەن.
مۇسلىم كەلسە يېنىڭغا،
قاچقىنىڭغا نادامەت.
ياۋغا تېخى يان تاياق،
بولماقچىسەن ئۆزەڭچە.
شۇنداق تۇرۇپ ئۆزەڭنى ،
بىلمىگەنگە نادامەت.
ياۋلار ساڭا پۇل بەرسە ،
شۇ پۇل ئۈچۈن ئىشلەيسەن.
ئاق-قارىنى ئۇنۇتۇپ ،
ئىشلىگەنگە نادامەت.
بولدى قىلغىن سەبىر قىل،
ئەمدى يازما توختاپ قال.
بۇنى ئوقۇپ بىلمىگەن،
نادانلارغا نادامەت.