580w
unite1991
(Hi No. 1359503)
ئۇيغۇرتىلىنى قوغداش لاھىيىسى مەركەزگە يوللاندى. ئىلھام توختى <<ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ>>ناملىق تەكلىپ لاھىيىسىنى ئىلان قىلدى.بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرىستىتى پىروفىسوسى ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلانغان <<ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ>>ناملىق تەلەپنامىدە،ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكىمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان مائارىپ سىياسىتى ،تىل-يېزىق سىياسىتى ۋە مىللى سىياسىتىگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك چاقىرىق ھەم12 ماددىلىق كونكىرىت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.ئىلھام توختى ئەپەندى ئىلان قىلغان قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدە ھۆكىمەتكە سۇنۇلماقچى بولغان بۇ تەلەپ لاھيىسى 2010-يىلى11-نويابىر كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ ،12-نويابىر كۈنى تۇنجى قېتىم ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن لىكىسىيە تەرىقىسىدە بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچى زىيالىيلار ئارىسىدا سۆزلەنگەن ھەم شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىغا 200دىن ئارتۇق كىشى ئىمزاسىنى قويغان.بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتى تورىدا بۇ تەلەپنامىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ قارارىغا قارشى نامايىشىدىن كىيىن ،بېيجىڭدا ئۇيغۇر،خەنزۇ،تىبەت،قازاق ئوقۇغۇچىلىرى،زىيالىيلار،شۇنداقلا ئىتالىيە،گىرمانىيە،كورىيە،ياپونىيە،ئامىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەر ھەم جوڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكىمەت خادىملىرىمۇ قاتناشقان 400 كىشىلىك چوڭ زالدا سۆزلەنگەن مەخسۇس تىمىدىكى لىكىسىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەييارلىغان تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون دائىرلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەم تىل - يېزىق سىياسىتىگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك چاقىرىق ،12ماددىلىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.6 تۈرلۈك چاقىرىقتا ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1951-يىلى،1995-يىلى ھەم 1996-يىللاردا ئىلان قىلىنغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش،ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقوقىنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقى مىسالغا ئېلىنىپ،جوڭگو ھۆكىمىتىنى جوڭگودىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ،ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقوقىنى قوغداشقا چاقىرغان.ئالتە تۈرلۈك چاقىرىقنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:1.دائىرىلەر خەلىقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھەم مائارىپتا بەلگىلەنگەن ھوقوقلىرىنى رايوندا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كىرەك.2.ھازىر تەكىتلەۋاتقان ھەم ئىجرا قىلىۋاتقان يەككە تىللىق يەنى خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ،مىللەتلەر مائارىپىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ھەم ئەركىن تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كىرەك.3.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مائارىپ قانۇنى،دۆلەتنىڭ مىللى تىل-يېزىق قانۇنى ،مىللى ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلىپ ،ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۇيغۇر،قازاق،قاتارلىق مىللەتلەر تىلىدىكى يەسلى،باشلانغۇچ مەكتەپ،ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ،بالىلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىدا تەربىيلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك .4.ھۆكىمەت دائىرلىرى تەدبىر قوللۇنۇپ ،ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق جايلاردا يەسلى،باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار زىيادە جىق بولۇپ كىتىش،ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار زىيادە كەمچىل بولۇشتەك شارائىتنى ئۆزگەرتىش كىرەك.5.ھۆكىمەت مىللى تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجىرىتىپ ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ،ئوقۇتۇش ئەسلەھەلىرى،دەرىسلىك كىتاپ،كومپىيوتىر يۇمشاق دىتالى قاتارلىقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش كىرەك.6.ھۆكىمەت دائىرلىرى ھازىر تەرىپلەۋاتقان قوش تىللىق يەسلى ۋە مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بولمىىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى ،ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىۋى پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى،مىللەتلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقوقلىرىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك.تەلەپنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 12ماددىلىق تەلەپتە ،دائىرلەردىن تۆۋەندىكى ئالتە مەزمۇن تەلەپ قىلىنغان:1.تىل ھەم مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇش پىرىنسىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىدىن ئۆتكەن،ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ پىرىنسىپ بويچە ئىش قىلىشى كىرەك.2.ئانا تىل مائارىپى بىلەن تەربىيلىنىش ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللى ھوقوقى ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسى ھوقوقى،چوقۇم مائارىپ قانۇنىدا ئىجىرا قىلىنىشى كىرەك.3.دۆلەت تىلىنىڭ ئورنى جەزىملەشتۈرلىشى،بۇ خەلقئارا تىل-يېزىق قانۇنىنىڭ موھىم نوقتىسى،ئەمما بۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھوقوقىغا دەخلى قىلىنمىغان ئاساستا بۇ مىللەتلەر نىڭ ئۆز ئانا تىلى مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرىت قىلغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلىشى كىرەك.دۆلەت ئىچىدىكى تىل-يېزىقنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا يول قويۇلىشى كىرەك.4.ئانا تىل ئۇ بىر مىللەتنىڭ روھى ،مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى،مىللەتنىڭ بەلگىسى ،مىللەتنىڭ غورورى ۋە ئورنى ،شۇڭا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەم ئۇنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئاساسىدا ئەركىن تەرەققى قىلىشىغا يول قويۇش كىرەك.5.ئانا تىل مائارىپى ئەڭ بىۋاستە ئۈنۈم بىرىدىغان مائارىپ،ئۇ مىللەتنىڭ مىللى غورورىنى تەربىيلەيدۇ. مىللى ئىپتىخارنى كۈچەيتىپ مىللى روھنى ئۇغۇتىدۇ ،شۇڭا مىللەت ئەۋلاتلىرى ئۆز ئانا تىل مائارىپىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.6.ھازىرقى رىئال ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى تىل-يېزىق،مەدەنىيەت،مائارىپ قاتارلىقلاردا خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپنى تەشەببۇس قىلىش ھەم مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى پەقەتلا مىللەتلەر ئارسىدىكى بۆلۈنۈشنى ھەم ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.ئەكىسچە كۆپ تىلنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا يول قويۇش ،ھەم باشقا تىللارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەر قايسى مىللەتلەر ئارسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ،ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.