588w
سۈبھى
(Hi No. 1358241)
ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداق(چىندىل)
دۇلدۇللىرى تاغ باغرىدا كىشنەيدۇ
ئوغلاق چاپسا قولدىن قامچا چۈشمەيدۇ
جۈرئىتىدىن قارا تاغلار تىترەيدۇ
چىلىشلاردا رەقىبى يەر چىشلەيدۇ
ھەيرانلىقتا سوراپ قالساڭ بۇ قانداق
جاسارەتلىك ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق
جەڭگاھلاردا ھەرگىز ياۋدىن قاچمايدۇ
داسقان سالسا مەرتلىك ئۇندىن ئاشمايدۇ
دوستقا بەزمە دۈشمەنگە ئوق راسلايدۇ
مەرتلىك سۆيەر رەزىللىككە باقمايدۇ
ئىشەنمىسەڭ سوراپ باققىن بۇ قانداق
سەلتەنەتلىك ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداق
سۆيگۈ دىسەڭ دىلدا ئىيمان سۆيگۈسى
پەيغەمبەردۇر ھاياتلىقتا ئۆلگىسى
تەۋەككۈلچى شۇڭا ئاللاھ بەرگۈسى
رەببىم!! دىگەچ پارلاق ئۇنىڭ كەلگۈسى
ئىشەنمەستىن دىسەڭ بۇلار بۇ قانداق
ئۇمىتۋار ئەل ئۇيغۇر دىگەن ئاشۇنداق
بەش ناماز ئۇ بىتاھارەت يۈرمەيدۇ
بىخىللىقنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدۇ
ئىقتىسادتا زاكات ئاڭا ئىبادەت
بايلىق تاپسا ئۆزى تەنھا يىمەيدۇ
مۈمكىن بولۇر دىسەڭ ھازىر بۇ قانداق
ساخاۋەتلىك ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق
جىڭ ئۆلچەمدە كىشنىڭ ھەققى يىمەيدۇ
ھارام ئىشتا باي بولسامكەن دىمەيدۇ
ئەل يىغلىسا ھەرگىز يالغۇز كۈلمەيدۇ
ئالسا ساتسا ئەل بەختىنى كۆزلەيدۇ
سوراپ قالساڭ مۈمكىن بولۇر بۇ قانداق
دىيانەتلىك ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق
يىگىتلىرى چىن تۆمۈرگە ئوخشايدۇ
ساتۇق بۇغرا سادىردىن گەپ باشلايدۇ
نۇزۇگۇمدەك قىزلار ئىپپەت ھايالىق
جان چىقسىمۇ ياتقا ئەۋرەت ئاچمايدۇ
سوراپ قالساڭ ھازىر ھالىدۇر قانداق
دىيانەتلىك ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق
رىستۇراندا قاۋاقلاردا يۈرمەيدۇ
ئاز يىسىمۇ ھالال تاماق ئىزلەيدۇ
ئەل يىغلىسا ھەرگىز خۇشال كۈلمەيدۇ
ئەلگە سادىق خائىنلىقنى بىلمەيدۇ
سوراپ قالساڭ ئەمسە ياشار ئۇ قانداق
قانائەتلىك ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق
ئەقىدىسى بۇغراخانغا ئوخشايدۇ
كىيمىلىرى ئەجدادىدىن چانمايدۇ
بوران چاپقۇن سىناقلارغا تەييار ئۇ
جان چىقسىمۇ ئىتقاددىن يانمايدۇ
چىندىلىدىن ئىيمان ئىيتقان ئەل قانداق
ئىتقادلىق ئۇيغۇر بىلىسەڭ دەل شۇنداق