588w
ئابدۇقادىر
(Hi No. 1358322)
سەئلەبە ئىبنى ئابدۇررەھمان ئىسىملىك بىر يىگىت ئىسلام غا كىرگەندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىڭ يىنىدا يۈگۈر يىتىم ئىشلارنى قىلاتتى. بىر قىتىم پەيغەمبىرىمىز ئونى بىر ئىشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئەنسارلارنىڭ بىرىنىڭ ئىشىك ئادىدىن ئۈتۈپ كىتىۋېتىپ ئۆيدە يۇينىۋاتقان بىر ئايالغا قاراپ تاشلايدۇ ۋە بۇ قىلغان ئىشى ھەققىدە پەيغەمبىىرىمىزگە ۋەھى چۈشۈپ ئاشكارا بولۇپ قىلىشنىڭ قورقۇنچىدا مەككە مەدىنە ئارسىدىكى بىر تاغقا چىقىپ كىتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز 40 كۈنگىچە ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئالالمايدۇ. بۇ چاغدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ، ئى مۇھەممەد، پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام، ئۈممىتىڭدىن بىر كىشى مەككە مەدىنە تاغلىرىدا يۈرۈپ اللە نىڭ ئەزابىدىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ دەيدۇ.پەيغەمبىرىمىز ئۆمەر بىلائەن سەلمان ئىككىسىنى سەئلەبە نى باشلاپ كىلىشكە بۇيرۇيدۇ . ئۇ ئىككىسى مەدىنىدى چىقىپ يولدا زۇفە ئىسىملىك بىر پادىچىنى ئۇچۇرتىدۇ. ئۆمەر ئۇنىڭدىن ، سەئلەبە ئىسىملىك بىرىنىڭ بۇ تاغلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن دەپ سورايدۇ. ئۇ، سىلەنىڭ دىگىنىڭلار دەۋزەختىن پاناھ تىلەپ يۈرگەن ھىلىقى كىشى بولۇپ قالمىسۇن يەنە دىگەندە، ئۇمەر ئۇنىڭ جەھەننە.دىن قاچقۇچى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلدىڭ دەپ سۇرايدۇ. زۇفە چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تۈن نىسپىدە بىشىنى چاڭگاللىغان ھالدا، ئى رەببىم، رۇھىمنى روھلار بىلەن جىسمىمنى جەسەتلەر بىلەن قەبزى روھ قىلىپ ھۆكۈم كۈنى مىنى چىقارمىغان بولساڭچۇ كاشكى دەپ نالە قىلىپ يىنىمىزغا كىلىدۇ دەيدۇ. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئىزدەۋاتقانلىرىنىڭ دەل ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، دېگەندەك، شۇ كىچىسى، سەئلەبە ئاشۇ ھالەتتە ئاشۇ نىدالار بىلەن چىقىپ كېلىدۇ. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ يېنىغا ئوقتەك بېرىپ ئۇنى قۇچاقلايدۇ. سەئلەبە ئۇنىڭدىن: ھەي ئۆمەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گۇناھىمدىن خەۋەر تېپىپتىمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئۆمەر ئۇ خەۋەرنى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بىلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) نىڭ بۇيرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە سەئلەبەنى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىپ، سەئلەبەنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇنى پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئېلىپ كىرىشىدۇ. سەئلەبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىشى بىلەن بەدەن – بەدىنىنى تىترەك بېسىشقا باشلايدۇ. پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نامازدىن كېيىن، « ئۆمەر، سەلمان، قېنى دەڭلار، سەئلەبە نېمە ئىش قىپتۇ؟ » دەپ سورىغاندا، ئۇلار: سەئلەبەنىڭ ئىشلىرىنى بىرمۇ – بىر سۆزلەپ بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئورنىدىن تۇرۇپ سەئلەبەنى يىنىك تەۋرىتىپ تۇرۇپ: «مەندىن نېمىشقا قاچىسەن، نېمىگە يوقاپ كېتىسەن؟» دەپ سورايدۇ. - ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنى سىلىدىن قاچۇرۇۋاتقىنى گۇناھلىرىم. - ئۇنداقتا، مەن ساڭا گۇناھنى يۇيۇپ، خاتالىقنى ئۆچۈرۈدىغان بىر ئايەت ئۆگىتىپ قويسام، قانداق ؟ - بولىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن.) پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): « پەرۋەردىگارىم بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن » (رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋەقىينا ئازابەننار) ]رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار[ دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇ، «ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مېنىڭ گۇناھىم بۈيۈك» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) «بەلكى، ئاللاھنىڭ كالامى بۈيۈك» دەيدۇ – دە، ئۇنى ئۆيىگە قايتىشقا بۇيرۇيدۇ. سەئلەبە ئۆيىدە سەككىز كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، سەلمان (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبىرىمز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) گە «ئى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، سەئلەبە بىلەن كۆرۈشكىلىرى بارمۇ؟ ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالدى» دېگەنلەرنى يەتكۈزىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنى باشلاپ بېرىپ، سەئلەبەنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تىزىغا قويىۋىدى. ئۇ بېشىنى تارتىۋالىدۇ. سەۋەبىنى سورىسا، «بۇ بىر گۇناھقا تولۇپ كەتكەن باش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) نېمىدىن بىئارام بولىۋاتىسەن؟ دەپ سورىغاندا، سەئلەبە: «تېرە – گۆشلىرىم، ئۇستىخان – سۆڭەكلىرىم ئارىسىدا چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىۋاتىمەن» دەپ ئۆز ھالىنى سۈرەتلەيدۇ. ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەپەندىمىز: «كۆڭلۈك نېمە تارتىدۇ؟» دەپ سوئال قىلغاندا، ئۇ «پەرۋەردىگارىمنىڭ مەغپىرىتىنى» دەيدۇ. شۇ ئەسنادا، جىبرئىل ئەلەيھىسسالام «ئى، مۇھەممەد (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!)، پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام، ئەگەر بۇ بەندەم زېمىنغا تەڭداش گۇناھ بىلەن كەلسە، ئۇنى زېمىنغا تەڭداش مەغپىرىتىم بىلەن كۈتۈۋالىمەن دېدى» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) دىن بۇ خەۋەرنى ئىشىتكەن سەئلەبە قاتتىق بىر «ئاھ» ئۇرۇپلا جان ئۈزۈدۈ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن!) ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەتكەندىن كېيىن، نامىزنى چۈشۈرۈشكە كېتىۋېتىپ، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ دەسسەپ، ئىھتىياتچانلىق بىلەن ماڭىدۇ. ساھابىلەر ئۇنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، رەسۇلى ئەكرەمگە: «ئى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ ماڭغانلىقلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدۇق – يا!» دېگەندە، پەيغەمبىرىمىز (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن): «مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتە – مالائىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن پۇتۇمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم » دېگەن.[大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭][大哭]