589w
XL
(Hi No. 1125407)
: «ئۇيغۇر كىملىكىمىز ھىجاب ئىچىدە قوغدالماقتايېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى «گۈزەللىك ئەلچىسى» قىلىپ بېكىتكەن ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا «ھېجاب بىلەن گۈزەللىكىمىزنى يوشۇرمايلى» ۋە ئاتالمىش «مېھرىبان ئانا» شىنجاڭ نېفىت ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى رەيھان قاسىم «ھىجاب كىيىش ناچار ئادەت» دېگەن ماقالىلەرنى شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ھېجابلىرىنى سېلىپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى، ھالبۇكى بۇ چاقىرىقلار ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغىدى ۋە كۈچلۈك تەنقىدى ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئۇيغۇرچە تور بېكەت ۋە ئۇندىدار قاتارلىق ئاممىۋى ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىلنار ئابدۇللا، رەيھان قاسىمغا ئوخشاش ئۆز مىللىتىنىڭ، خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئەخلاقى ئەنئەنىسى، ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلار بىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ! ئۇلار ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ نومۇسى، ئىنسانىي ھەق-ھۆرمىتى، دىنىي ئەركىنلىكىگە قاراتقان ھاقارىتى ئۈچۈن ھەمشىرىلىرىمىزدىن، ئۇيغۇرلاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشى كېرەك! دېگەن ئەكس سادا كۈچەيمەكتە . بۇ ھەقتە ئەركىن ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلايمىز .
دەرۋەقە، دىلنار ئابدۇللا ۋە رەيھان قاسىملارنىڭ شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ھىجابلىرىنى سېلىپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئەكسىچە تەسىر پەيدا قىلدى، بۇنى ھەر قايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە داۋام قىلىۋاتقان دىلنار ئابدۇللا ۋە رەيھان قاسىملارغا جاۋاب تېما قىلىنغان ئىنكاسلاردىن، ھەتتا ساتىرا، ئاشكارا تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەردىن كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە دىلنار ئابدۇللا ۋە رەيھان قاسىملارنىڭ ھىجابلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىغا قارىتىلغان ھاقارەتلىك بايانلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا . بۇ ھەقتە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ خادىمى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياردەمچىلىرىدىن زۇبەيرە خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش، جۈملىدىن دىنىي يوسۇندا كىيىنىش يۈرۈشىگە قاراتقان ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمە سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەپ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل باستۇرۇش ھەم دەپسەندە قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خەلقنىڭ ھۆرمىتىدىن قالغان ساناقلىق كىشىلەرنىڭ ھاقارەتلىك بايانلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئەقىدىسىدىن ۋاز كەچكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشنىڭ بىر ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى .
ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ژۇرنالىست تەتقىقاتچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى مېھراي مەمتىلى خانىم ھېجابلىق ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى «ھىجابلىق ھەمشىرىلەر، ئېتىقادلىق، شەرمى ھايالىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىز، ئۇلار خىتاينىڭ تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا قارىماي، ھىجابى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداۋاتقان بەدەل تۆلىگۈچىلەر» دەپ تەرىپلىدى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بولسا ئېتىقادلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ھىمايە قىلىشقا چاقىردى.