Avatar
608w
ئابدۇقادىر (Hi No. 1358322)
مۇئمىن ھەققىدە

∗ مۇئمىن داۋاملىق راست گەپ قىلىدۇ، داۋاملىق خەير – ئېھسان قىلىپ تۇرىدۇ.

∗ مۇئمىن ياخشى كۈنلەردە شۈكۈر قىلىپ، يامان كۈنلەردە سەۋر قىلىپ، باياشات كۈنلەردىمۇ اللە تىن قورقۇپ تۇرغان كىشىدۇر.

∗ مۇئمىن كىشى غۇرۇرلۇق، سېخىيدۇر، ھەر كىشى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن خاتىرجەم ھالدا ياشايدۇ، لېكىن مۇئمىن كىشى داۋاملىق ئېھتىيات بىلەن ياشايدۇ.∗ مۇئمىن باشقىلارنىڭ تەلىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندايدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ.

∗ مۇئمىن كىشى ئىمانىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىدىن، ئېتىقادسىزلىقتىن قورقىدۇ، اللە تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

∗ مۇسىبەتكە يېقىن، غەم – قايغۇدىن ئۇزاق، ئورۇنسىز گەپ قىلمايدىغان، ئەمەل – ئىبادىتى خالىس بولغان كىشى ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ.

∗ ئىرادىسى پولاتتىن قاتتىق، ئىنتايىن كەمتەر بولغان كىشى ھەقىقىي مۇئمىن ھېسابلىنىدۇ.

∗ ھەقىقىي مۇئمىن ئەتراپقا قارىغاندا ئىبرەت كۆزى بىلەن قارايدۇ، سۈكۈتتا تۇرغىنىدا تەپەككۇر قىلىدۇ، گەپ قىلغىنىدا اللە نى زىكىر قىلىدۇ، نېمەتكە ئېرىشكەندە شۈكۈر قىلىدۇ، مۇسىبەتكە يولۇققاندا سەۋر قىلىدۇ.

∗ ھەقىقىي مۇئمىن نەسىھەت ئاڭلىغاندا گۇناھلىرىدىن قول يىغىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلغاندا ئېھتىيات قىلىدۇ، ئىبرەتلىك بىرەر ۋەقە ئاڭلىغاندا ئىبرەت ئالىدۇ، ھەق ئەسلىتىلسە قوبۇل قىلىدۇ، قېرىنداشلىرىدىن ئەزىيەت يەتسە كەچۈرۈم قىلىدۇ.

∗ ھەقىقىي مۇئمىن كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەيدۇ.

∗ مۇئمىننىڭ خۇشاللىقى چىرايىدا، كۈچى دىنىنى قوغداشتا، قايغۇسى يۈرىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.

∗ مۇئمىن كىشى ئەقلىنى كۈچەيتىش، شەھۋەتلىرىنى يوقىتىش، اللە قا بويسۇنۇش ۋە خاھىشىغا قارشى چىقىشقا بارلىق كۈچى بىلەن تېرىشىشى كېرەك.

∗ باياشادلىقنى سىناق، بالا – مۇسىبەتنى ئاگاھلاندۇرۇش دەپ بىلمىگۈچە مۇئمىننىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ.

∗ ئالتۇن ئوت بىلەن تاۋلانغاندەك، مۇئمىنمۇ بالا – قازا بىلەن تاۋلىنىدۇ.

∗ مۇئمىننىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئالاھىدىكىلى بار: راستچىللىق، ئېشەنچ ۋە خىياللارغا بېرىلىپ كەتمەسلىك.

∗ ھەقىقىي مۇئمىن غەم – ئەندىشىسىنى ئاخىرىتىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ كېلەچىكىگە بېغىشلايدۇ.

∗ مۇئمىن قېرىندىشى ئاچ قالغان ۋاقىتلاردا قەتئىي توق تۇرماسلىقى، بەلكى قېرىندىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.

∗ مۇئمىننىڭ تەبىتى باشقىلارغا خەيرخاھلىق قىلىش، خىسلىتى ئەپۇ قىلىش.

∗ مۇئمىننى ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، يامانلىق قىلىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ.

∗ ھەقىقىي مۇئمىننىڭ تەقۋادارلىقى قەلبىدە ئورۇن ئالىدۇ، پەزىلىتى گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتا نامايان بولىدۇ.

∗ مۇئمىن پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولىدۇ، گۇناھلىرىدىن قايغۇرىدۇ.

∗ مۇئمىن مۇلايىم، سىلىق – سىپايە، ئوچۇق – يورۇق، ئېشەنچىلىك بولىدۇ.

∗ مۇئمىننىڭ يېتەرسىزلىكى ئاز، ياخشى ئىشلىرى كۆپ بولىدۇ.

∗ مۇئمىن كۆڭلىگە كەچكەن بولمىغۇر خىياللىرىغا قايغۇرىدۇ، دوستلىرىغا كۆيۈمچان بولىدۇ.

∗ مۇئمىن نائىنساپ كىشىلەرگىمۇ ئىنساپ بىلەن مۇئاملىە قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئـەلىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
2 Comments
صَلاَحُ الدِّيْن أَيُوبِي قَاعِدنَا :569w
الشهم :assalamu alay kum kirin dixim bak yah xi tima bop tu amma. sak liwalay disam. hat ni koqurammidim. bil sigiz bir dap bar sigiz kirin dixim602w
Copyright © 2014-2025 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms