590w
ئابدۇقادىر
(Hi No. 1358322)
Yئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىلىم ھەققىدە دۇردانىلەرئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىلىم ھەققىدە دۇردانىلەر
كىشىلەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئىلىم ۋە مال ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سوئال سورىغان، ئۇنىڭ ئۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋاب دۇردانىلىرى مۇنداق بولغان:
٭ئىلىم - مالدىن ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ، سەن مېلىڭنى قوغدايسەن.
٭ ئىلىم - سەرپ قىلغىنىڭچە كۆپىيىدۇ ، ئەمما مال سەرپ قىلغانسېرى ئازىيىدۇ.
٭ ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى بىلەن دۈشمەنلىرىڭ ساڭا دوست بولسا، مېلىڭنىڭ سەۋەبى بىلەن دوستلىرىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ.
٭ ئىلىم - ئىنساننى دۇنياۋىي ھەۋەسلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئاخىرەت ھاياتىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما مال سېنى ئاخىرەت غېمىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
٭ ئىلىم - ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئىلكىدىن چىققىپ كەتمەيدۇ، ئەمما مال ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە بولمايدۇ.
٭ ئىلىم - ئۇنىڭ ئىگىسىنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرىدىغان نۇردۇر، مال بولسا ئۇنىڭ ئىگىسىنى ھەقىقىي مەرتىۋىدىن چۈشىرىدۇ.
٭ ئىلىمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئەمما مالنىڭ كېلىش مەنبەسى تۇپراقتۇر.
٭ ئىلىم- پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر، ئەمما مال ، نەمرۇد، فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارنىڭ سۆيگەن نەرسىسىدۇر.
٭ ئىلىم - باشقىلار تەرىپىدىن خىزمەت قىلىنغۇچىدۇر، مال باشقىلارغا خىزمەت قىلغۇچىدۇر.
٭ ئىلىم - روھنىڭ غىزاسىدۇر، مال تەننىڭ غىزاسىدۇر.
٭ قورقۇنچلۇق پەيتلەردە ئىلىم ئىنسانغا دوستتۇر، مال بولسا سېنىڭ قورقۇشنى ئارتۇرىدىغان نەرسىدۇر.
٭ ئىلىم- سەپەردە ساڭا ھەمراھدۇر، مال بولسا سەپەردە ساڭا خەتەردۇر.
٭ ئىلىم - سېنىڭ ھەر بالادىن قۇتۇلۇشىڭغا سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما مال سېنىڭ يامانلار تەرىپىدىن تۇتۇلىشىڭغا سەۋەب بولىدۇ.
٭ ئىلىم- پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسىدۇر ، مال يۇلۇپ يىغقۇچىلارنىڭ مىراسىدۇر.
٭ قىيامەتتە ئىلىمگە ھېساب كەلمەيدۇ، ئەمما مال ھالال يولدا ئىشلىتىلسە ھېسابى ، ھارام يولدا ئىشلىتىلسە ئازابىغا تارتىلىدۇ.
٭ ئىلىم - ئىگىلىرى ئاللاھنىڭ ئىزىن بېرىشى بىلەن باشقىلارغا شاپائەت قىلالايدۇ، ئەمما مال ئىگىلىرى شاپائەت قىلىنىشتىن ئۈمىد قىلىنغۇچىلاردىن بولىدۇ.
٭ ئىلىم - بولسا كۆڭۈلنى نۇرلاندۇرىدۇ، مال بولسا كۆڭۈلنى قارايتىپ قاتتىقلاشتۇرىدۇ.
٭ ئىلىم - بولسا ئەھلىنى ئاللاھغا قۇلچىلىق قىلدۇرىدۇ، مال بولسا ئەھلىنى ئاللاھقا يوغانچىلىق قىلدۇرىدۇ.
ئىمام شافىئىنىڭ نەسىھەتلىرىدىن:
٭ ئىلىم- ئۆگىتىشكە لايىق بولمىغانلارغا ئىلىم ئۆگىتىش ئىلىمگە زۇلۇم قىلغانلىق بولسا ، ئۆگىتىشكە لايىق ئادەملەرگە ئۆگەتمەسلىك ئۇ ئادەمگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
٭ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلماق تەستۇر، ھەممە ئادەمگە يارىغىدەك بىر ئادەم بولماق بولسا مۇمكىن ئەمەستۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈنلا تىرىشىش ئەڭ توغرا ۋە ئاسان يولدۇر.
٭ ئۇستازىمغا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاخشاپ بەرسەم ئۇستازىم مېنى گۇناھ ئىشلاردىن يېراق تۇرۇشقا بويرىدى ۋە : ئىلىم دېگەن بىر نۇردۇر، ئاللاھنىڭ نۇرى ئاسىي ئىسيانكار كىشىلەرگە بېرىلمەيدۇ، دېدى