592w
عبدالأكبر
(Hi No. 1370397)
ئەسماغا مەكتۇپ ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! تۆۋەندە ئىنتايىن تەسىرلىك بىر مەكتۇپنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز. مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ نوپوزلۇق رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئەل بىلتەجى، رابىئەتۇل ئەدۋىيە مەيدانىدىكى قەتلىئام ئەسناسىدا ياۋۇز مەرگەنلەر تەرىپىدىن يىراقتىن ئېتىپ شېھىت قىلىنغان 17 ياشلىق قىزى ئەسماغا يازغان مەكتۇپىنى ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش توربەتلىرىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ مەكتۇپ تۈركىيەدە پۈتۈن مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىسغا ئايلاندى. . تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسلىرىدىن دۇرسۇن ئەلى ئەرزىنجانلى مەكتۇپنى ئاۋازلىق ئوقۇغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى (TRT HABER) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كەڭ تارقىتىلدى. ھەتتا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تېلېۋىيە پۇروگراممىسىدا مەكتۇپنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ سالدى. ئەمىسە دىققتىڭلار مەكتۇپتا بولسۇن مەكتۇپ مۇنداق يېزىغان: - «سۆيۈملۈك قېزىم! ساڭا ھەرگىزمۇ "ئەلۋىدا" دېمەيمەن، بەلكى دەل ئەكسىچە "يەنە كۆرۈشكىچە خوش ئەمىسە!" دېمەكچىكەن. سەن بېشىڭنى تىك تۇتۇپ، زالىمغا قارشى ئىسيان بىلەن ياشىدىڭ. پۈتۈن توسالغۇلارنى يېڭىپ، ھۆررىيەتكە چەكسىز ئىشقىڭنى بېغىشلىدىڭ. بۇ ئۈممەت مەدەنىيەت ۋە پەزىلەتتە ھەقلىق بولغان ئورنىغا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇلارنى قايتىدىن تېرىلدۈرۈش يولىدا جېمجىتقىنە يېڭى ئوپۇقلارنى ئىزدىدىڭ. تەڭتۇشلىرىڭنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىغا بېرىلمىدىڭ، ھەر دائىم دەرستە بىرىنچى بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياقىڭ تۆۋەنلەپ قالمىدى. مەنمۇ بۇ قىسقا ھاياتتا سېنىڭ سۆھبتىڭگە قانمىدىم. مېنىڭ سەن بىلەن كۆڭۈل ئاچقۇدەك، خوشال يايراپ ئوينىغۇدەك كەڭ - كۇشادە ۋاقتىم بولمىدى. سەن بىلەن رابىئەتۇل ئەدۋىيە مەيدانىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكنىمىزدە، سەن ماڭا: «سەن بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپمۇ يەنە بىزدىن جۇداسەن» دېيىش ئارقىلىق ئاغرىنىشلىرىڭنى تىلغا ئالغان ئىدىڭ. مەنمۇ ساڭا: «قىزىم بۇ ھايات بىر – بىرىمىزگە تويغۇدەك ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس، شۇڭا بىر – بىرىمىزگە قانغۇچە تويىشىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزگە جەنەتتە مۇشۇنداق سۆھبەتلىشىشنى نىسىپ قىلىشىنى تىلەيلى!» دېگەن ئىدىم. سەن شېھىت بولۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى سېنى توي كېيىملىرى ئىچىدە چۈشۈمدە كۆردۈم. سەن دۇنيادا مىسالىنى تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بىر گۈزەللىك ئىچىدە ئىدىڭ. يېنىمغا كېلىپ جىمغىنە ئولتۇرغۇنۇڭدا مەن سەندىن: - «بۇ كېچە، سېنىڭ توي كېچەڭمۇ؟» دەپ سورىدىم. سەن جاۋاپ بېرىپ، «مېنىڭ تويۇم كەچتە ئەمەس، چىڭقى چۈش ۋاقتىدا بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردىڭ. چارشەنبە كۈنى چۈش ۋاقتىدا شېھىت بولغانلىق خەۋىرىڭ ماڭا يېتىپ كەلگەندە بولسا، سېنىڭ ماڭا چۈشۈمدە دېگەن سۆزلىرىڭنىڭ مەنىسىگە يەتكەن بولدۇم. ئاللاھنىڭ سېنى شېھىتلەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن. سېنىڭ شېھىتلىكىڭ بىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزگە ۋە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. سەن دۇنيادىن ئايرىلىدىغان چاغدا يېنىڭدا بولالمىدىم. ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ سېنى بىر كۆرەلمىدىم. پىشانەڭگە ئېزىپقىنە بىر سۆيەلمىدىم. ھەتتا جىنازە نامىزىڭغا قاتنىشىش شەرىپىگىمۇ مۇيەسسەر بولالمىدىم. بۇ مېنى چوڭقۇر ئازابلىدى. مېنىڭ بۇنداق قىلالمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى ئۆلۈمدىن ياكى قاراڭغۇ تۈرمىلەردىن قورۇققانلىقىم ئەمەس، بەلكى سەن ھاياتىڭنى پىدا قىلغان ئەشۇ مۇقەددەس داۋانى مەنزىلىگە يەتكۈزۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئالدىراشلىقىم بولدى. سەن زالىملارغا قارشى بېشىڭنى تىك تۇتۇپ، كۆكرەك كىرگىنىڭدە ئاسىيلارنىڭ ئوقى نەخ كۆكسۈڭگە تەگدى ئەمما رۇھىڭ ئەرشى - ئالاغا يۈكسەلدى. نېمە دېگەن ئاجايىپ غەيرىتىڭ ۋە گۈزەل تەربىيە كۆرگەن نەپسىڭ بار سېنىڭ؟! مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سەن ئاللاھقا بەرگەن ۋەدەڭگە ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ، ئاللاھمۇ ساڭا قىلغان ۋەدىسىگە ساداقىتىنى كۆرسەتتى. مانا شېھىتلىك مەرتىۋىسىنى بىزگا ئەمەس، ساڭا نېسىپ قىلدى. جانىجان قىزىم ۋە ھۆرمەتلىك ئۇستازىم!! ئاخىرىدا مەن ساڭا "ئەلۋىدا" دېمەيمەن، بەلكى دەل ئەكسىچە "يەنە كۆرۈشكىچە خوش ئەمىسە!" دېمەكچىكەن. چۈنكى بىز پات يېقىندا ئۇچرىشىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەسھابىلىرى بىلەن ھەۋزى كەۋسەرنىڭ بويىدا بىرلىكتە بولىمىز. چەكسىز قۇدرەت ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ئەڭ يېقىن، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك بىر ماقامدا مەڭگۈ ئايرىلماسلىق ئارزۇيىمىزغا شۇنداقلا بىر – بىرىمىزگە تويغۇچە قاراپ ئولتۇرىشىدىغان ئەشۇ گۈزەل كۈنلەرنىڭ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈمىدى بىلەن قايتا كۆرۈشكىچە خوش ئەمىسە!»